مالايسىيا ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2024.05.03
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن تەشكىللەنگەن 4 كىشىلىك ھەيئەت يېقىندا مالايسىياغا بېرىپ، ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدە بولغان. پائالىيەتتىن كېيىن، مالايسىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە جاكارلىغان.
1-ماي كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدىن ئايرىلىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆزلىرىنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە شۇ بولدىكى، 30-ئاپرېل كۈنى مالايسىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرىمىزنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى.»
ئۆمەر قانات ئەپەندى ھەيئەتنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى ناھايىتى كۆپ رەزىللىكلەرنى قىلدى. بىزنىڭ مالايسىيادىكى يولىمىزنى توسۇش، سۆھبەت يىغىنلىرىمىزنىڭ ئالدىنى توراش، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۆسۈك سۆزلەر تارقىتىپ، يامان خاپا قىلدى. لېكىن بۇنىڭدا غەلىبە قىلالمىغانلىقى، مەغلۇپ بولغانلىقى 30-ئاپرېل كۈنى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان ئورتاق بايانات بىلەن ئىسپاتلانغان بولدى. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى2019-يىلدىن باشلاپ مالايسىيا بىلەن ھىندونېزىيەنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار پائالىيەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق ئورناتقانىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن ھەيئەتنىڭ پائالىيەتلىرى بەزى بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ھەمكارلىق قايتا ئورنىتىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇن مالايسىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئورناتقان ئىدۇق. خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتاتتۇق. ئۆتكەن يىل 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن بەزى ئۇقۇشماسلىقلار مەيدانغا كەلدى. ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ ھەمكارلىقنى قايتا ئورناتقان بولدۇق. »
ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەنلا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە پەقەت ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەنلا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ناھايىتى كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردۇق. مەسىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ يەردىكى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشتۇق. مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇلار بىلەن يېڭىدىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. ئۇلار بىلەن بۇندىن كېيىن قانداق قىلىپ مالايسىيانىڭ ھالقىلىق، مۇھىم ئورگانلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ قارار چىقارتالايمىز. بۇ ھەقتە مۇھىم پىلانلار تۈزدۇق. بۇلاردىن سىرت، پارلامېنت ئەزالىرى، ياش پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق ناھايىتى ياخشى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتۇق» .
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 29-ئاپرېل كۈنى مالايسىيانىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى پارتىيە ياشلار ياچېيكىسىنىڭ باش كاتىپى مۇھىد ھافىز بىن ئارىفىن ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى، مالايسىيا دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى كومىسسارى پىروفېسسور نوئور ئازىئاھ مۇھىد ئاۋال خانىم، شۇنىڭدەك ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە مۇسۇلمان ئايال تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارادا ۋە مالايسىيادا نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ھەمدە پىلانلار تۈزگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن مالايسىياغا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنىڭ بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى لۇيىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ۋە ئادىل ئابدۇكېرىمدىن ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت مالايسىيادىكى مۇستەقىل ئادۋوكاتلار بىرلىكى رەئىسى جامالىدىن ئەپەندى، 80 دىن كۆپ ئاممىۋى تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئازمى ۋە «ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مالايسىيالىقلار» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى زۇھرى يۇھيى ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئۇلار بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تۈزگەن بەزى كېلىشىملەر، ئىش پىلانلىرى ۋە بەزى ھەمكارلىقلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.