مارالبېشىدا ھېلىھەم مەۋجۇت بولغان بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئورنى ئايدىڭلاشتى
2023.05.02
خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ، يەنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئۇچراتمىغانلىقىنى يازغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنقىلاشلىرى داۋامىدا مارالبېشى ناھىيەسىدە ھېلىھەم مەۋجۇت بولغان بىر لاگېرنىڭ، يەنى «تەربىيەلەش مەزكىزى» نىڭ ئورنى ئايدىڭلاشتى.
يېقىندا مارالبېشى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، ھېيتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ۋە يەنە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇر تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مارالبېشىدىكى قۇربان نۇر ئىسىملىك بىرسىنىڭ يېڭىدىن لاگېردىن، يەنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، قۇربان نۇر ئۆتكەن ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ لاگېردىن چىقىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىچە داۋالانغان. مەزكۇر دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇربان نۇر مارالبېىشىنىڭ سېرىقبۇيا بازار چوڭقۇرچاق كەنتىدىن بولۇپ، لاگېردا ئىككى يىلچە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا رايوندىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى «كۇرسانتلار» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك «ئوقۇش پۈتتۈرۈگەنلىكى»، يەنى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان «ۋاشنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىلىرىمۇ رايوندا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئۇچراتمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بىز قۇربان نۇرنىڭ قايسى لاگېردا تۇرغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ تەۋە بولغان چوڭقۇرچاق كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق.
بۇ مۇدىر قۇربان نۇرنىڭ لاگېرغا 2021-يىلى 2-ئايدا ئېلىپ كېتىلىپ، بۇنىڭدىن بىر ئايچە بۇرۇن، يەنى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامانلىق مۇدىرى قۇربان نۇرنى لاگېرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن شەخس بولۇپ، ئۇ كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەندىمۇ لاگېردىن ئۆزى ئېلىپ چىققان ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە قانچىلىك كىشى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ مەركەزگە كىشىلەرنىڭ توختىماي كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، شۇڭا سانىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ بايانلىرى ئارقىلىق، مارالبېشىدا لاگېرلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى ۋە تۇتقۇننىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قۇربان نۇر مارالبېشى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىغا قوشنا بولغان بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 2 يىل 2 ئاي جازا ئۆتىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن زۇبەيرە شەمشىدىن خانىملار ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىزدە، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن لاگېرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى يەڭگۈشلەش ئارقىلىق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقى، ئەمما يېڭىدىن تۇتۇلىدىغان ۋە تۇتۇلۇۋاتقانلار ئۈچۈن بىر تۈركۈم لاگېرلارنى ئەينەن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.