ماركو رۇبىئو: خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا، باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش قارار لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىن بۇ ھەپتە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن رۇبىيو، جىم رىچ ۋە بوب مېنېندېزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

«فىلورىدا كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «قارار لايىھەسى 1948-يىلدىكى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى بويىچە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە خەلقئارانىڭ بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ زىيانكەشلىكلەرنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.»

رۇبىيو بۇ ھەپتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان قەبىھ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۈنسايىن دۆۋىلىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بوب مېنېندېزمۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدا شەك يوق» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قارار لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە نامەلۇم.