ئالمۇتادا مەھەللىسىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

3-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسى كافېخانىلىرىنىڭ بىرىدە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭغا شەھەرلىك تۈركسىب ۋە جېتىسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ ئىچكى سىياسەت بۆلۈملىرى، بىر قاتار سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە ھەرىكەتلەر، خانىم-قىزلار كومىتېتى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، شەھەر ۋە يىراق-يېقىندىكى يېزىلاردىن كەلگەن مېھمانلار ھەم ياشلار قاتناشتى. دەسلەپتە ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلۇپ، ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تارىخى ۋە ئاقىۋەتلىرى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپلاشقان ۋەزىيەت ھەم رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى پائالىيەتلىرى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدە سۆز ئالغان تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتبېي داغدۇران، «ئۇلۇغ دالا» جۇمھۇرىيەتلىك جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى رەئىسى غابىدېن جەكېي، « پارتىيە» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەلخايىل قارپىقوف، خەلقئارا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى قايرات دۈيسېنوف ۋە باشقىلار ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ غەم-قايغۇسىنى تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىغانلىقىنى ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە دوستلۇق، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا بولسا قانلىق ۋەقەلەرنى بىر مىنۇتقا بولسىمۇ ئۇنتۇماسلىققا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يەنىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى. مۇراسىمدا سۆزلىگەن باشقىمۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە بولغان كۆز قارىشىنى، ئۇيغۇر-قازاق دوستلۇقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك قەدرىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.