ئالمۇتادا سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، ئالىم ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ يېقىن سەپدىشى، تارىخچى مۇنىر يېرزىن بولۇپمۇ 1960-يىللاردىن بۇيان مەرھۇم بىلەن يېقىن ئارىلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە بېغىشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

13-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى، ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي سەپتە ۋە ئاندىن مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى تەييارلاش مەكتىپىدە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەن، ئالىم ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

شۇ كۈنى سائەت 2 دە ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتان قورغان مەھەللىسى مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ۋاقتىدا مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، شۇ رايوندىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم لاۋازىملىرىدا ئەمگەك قىلغان قازاقىستاندىكى تونۇلغان شەخسلەرنى بىرى بولغان ئىكەن. ئۇ باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «باتۇر ئەرشىدىنوف 1926-يىلى قازاقىستاننىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدە يۈرگۈزگەن 30-يىللاردىكى كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاقىۋىتىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف دەسلەپتە غۇلجا شەھىرىدىكى ‹روشەن› مەكتىپىدە، ئاندىن بەيتۇللا مەدرىسىسىدە بىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ 1944-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر ئاز ۋاقىت روشەن مەكتىپىدە ئۇستازلىق قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي-ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، 1946-يىلى باتۇر ئەرشىدىنوف ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلىدۇ. ئۇ مىللىي ئارمىيە باش شتابى قارمىقىدا ئېچىلغان بايانداي ھەربىي مەكتىپىدە، غۇلجىدىكى باش شتابتا بىر يىل، ئاندىن بايانداي ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىككى يىل ئىشلىدى»

ئابلەت كامالوف باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ مىللىي ئارمىيەدىكى خىزمەتلىرى يۇقىرى باھالىنىپ، بىر نەچچە ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى. «1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى بېسىۋېلىپ، مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق-ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، باتۇر ئەرشىدىنوف 1950 ۋە 1952-يىللار ئارىلىقىدا شۇ كورپۇسنىڭ قەشقەردىكى 13-دېۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى مەمتىمىن ئىمىنوفنىڭ شتابىدا ئىش باشقۇرغۇچى-شەخسىي كاتىپلىق لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۇنى 1954-يىلى تاماملايدۇ ۋە ئۆلكىلىك دېموكراتىك ياشلار كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلەيدۇ. باتۇر ئەرشىدىنوف 1958 ۋە 1960-يىللىرى بېيجىڭدىكى ئالىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى لاۋازىمىغا بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمما شۇ يىللىرى پۈتكۈل ئەلدە ئەۋج ئالغان تەقىبلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن 1961-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.»

باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئىدى. شۇ بۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئالىمە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى، ھازىر ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان گۈلنارە ئاۋۇتوۋا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە فولكلور تارىخى بويىچە كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 50 ۋە 60-يىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان سىياسىتى نەتىجىسىدە قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلار ئىچىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ھەم جەڭچىلىرى بولغان ئىكەن. باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ شۇلار قاتارىدا ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن تاشقىرى يەنە ئىلمىي پائالىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «باتۇر ئاكا ئالدى بىلەن مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىياتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىدى. ئاندىن 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە بەش-ئالتە يىل ئىشلىدى. باتۇر ئاكا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققاندىمۇ ئىلىمدىن قول ئۈزمەي، ئىلگىرى يۈرگۈزگەن تەتقىقاتلىرىنى تولۇقلاش، سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە نەشر قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. باتۇر ئاكىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىمۇ داستانشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ۋە مۇقامشۇناس سۈپىتىدە كەڭ تونۇلغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى مەسىلىلىرى بويىچە شۇغۇللىنىپ، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ياراتتى. باتۇر ئاكا بولۇپمۇ خەلق داستانلىرىنى توپلاش، ئېلان قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى»

گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە باتۇر ئەرشىدىنوف يەنە 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەن ئابدۇرېھىم نىزارى، نورۇزاخۇن زىيائى ۋە تۇردى غەرىبىيلەرنىڭ شەرق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىدە يېزىلغان «مۇھەببەت داستانلىرى» توپلىمىغا كىرگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا 2003-يىلى «داستانلار دۇنياسىغا ساياھەت» ناملىق يەنە بىر مونوگرافىيەسىنى نەشر قىلغان.

گۈلنارە ئاۋۇتوۋا باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ يەنىمۇ كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى نەشر قىلغانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «20-ئەسىر ئۇيغۇرىستان نامايەندىلىرى»، ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى» ناملىق مونوگرافىيەلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلاردا، كىتابخانلاردا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە مۇستەقىللىق، ئازادلىق ماۋزۇلىرىدا بىر قاتار شېئىرلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ يېقىن سەپدىشى، تارىخچى مۇنىر يېرزىن بولۇپمۇ 1960-يىللاردىن بۇيان مەرھۇم بىلەن يېقىن ئارىلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە بېغىشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.