ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف: مەن خەلقىمنى، ئېلىمنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىندىم

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 1957-يىلدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچى»، «بۆلگۈنچى»، «ئەكسىل ئىنقىلابچى» دەپ ئاتالغان ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلەرگە قارشى قارىتىلغان ئىدېئولوگىيىلىك تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى.

بولۇپمۇ زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىستىل تۈزىتىش»، «ئېچىلىپ سايراش» ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىلغار كىشىلەر شۇ سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى. بۇنىڭ تىرىك شاھىتلىرى ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ ياشىماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 80 ياشلىق ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفتۇر. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف شۇ ۋەقەلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، 1960-يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ چاغلاردا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ھېكايە قىلدى.

-ئابدۇغوپۇر ئاكا، سىز قانداق گۇناھىڭىز ئۈچۈن شۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا پالاندىڭىز؟

-مېنىڭدە بىرلا قالپاق-مىللەتچى ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ خەلقىنى، ئېلىنى، ۋەتىنىنى ياخشى كۆرگىنىم مېنىڭ گۇناھىم شۇلا ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ ئۆتكۈزگىنىم يادىمدا يوق.

-سىز دەسلەپ سۈرگۈن قىلىنغاندا قانداق ئىشتا بولدىڭىز؟ ئۇ يەردە نېمە جاپالارنى كۆردىڭىز؟

-مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىنىڭ سايىپۇ دېگەن ئۇچاستىكىسىدا بولدۇم. سوغ كۈنلىرى ئەتىگەندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە جوتۇ بىلەن توڭلاپ كەتكەن يەرنى چاپاتتۇق. قورساق ئاچ، كىيىم يالاڭ. كېچىسى قانداق شۇ كىيىم-كېچىكىمىز بىلەن ئۇخلاپ قالساق، ئەتىگەنلىكى يۇمۇلۇپ قالغان قولىمىزنى ئاچالايتتۇق. ئەتىگەنلىكى بېرىدىغىنى بىر جىڭموما، كوكاتتىن قايناتقان شورپا دەپ قويىدۇ. كوكاتنىڭ قانداق شورپىسى بولىدۇ؟ ئات-ئېشەك ئورنىدا ئىشلەتتۇق. شۇ يولنى بىز كەتمەن-گۈرجەك بىلەن ياسىغان.

-سىز شۇ ۋاقىتلاردىكى ياشلار ئۆستىڭىنى قېزىش ئىشلىرىدىمۇ بولغان ئىكەنسىز. مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ كەتسىڭىز.

-يىراق يەرلەردىن تاشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كولانغان ئۆستەڭنىڭ چەت-چۆرىسىگە تىزاتتۇق. بالىلار شۇ تاشنى كۆتۈرۈپ كېتىپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئاستىغا بېسىلىپ قالاتتى. ئەتەي شۇنداق قىلدىڭلار دەپ ئۇراتتى. يەنە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، تاشلارنى يىراقلارغا توشۇپ ئاپىراتتۇق.

-ئاندىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلاردا بولدىڭىز؟

-كېيىن «پولات تاۋلاش» چىقتى. بىر قىسمىمىز تاغدىن رودا توشىدۇق، بىر قىسمىمىز يەرنى خۇددى تونۇر شەكلىدە ئويۇپ، ئوچاق ياساپ، شۇنىڭغا بىر قەۋەت رودا، بىر قەۋەت كۆمۈر سېلىپ، يەنە رودا سېلىپ ياقاتتۇق. پولات چىقىرىمىز دەپ. بۇ ئەمدى ئىلىم-پەنگە ئاساسى يوق كولانغان ئوچاقلاردىن ھېچ قانداق تۆمۈر چىققىنى يوق. تۆمۈر چىقمىسا، يەنە بىزنى گۇناھقا تارتاتتى. ئۇنىڭدىن تۆمۈر ئەمەس، ئازراق داشقال چىقتى.

-بۇ، خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتىكى «ئىستىل تۈزىتىش»، «ئېچىلىپ سايراش» سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نېمىدىن ئىبارەت بولغان ئىدى؟

-مەن 1957-يىلى بارغاندا «ئىستىل تۈزىتىش» يۇقىرىقى سىنىپلاردا يۈرگۈزۈلدى. بىزدە سىياسىي ئۆگىنىش خاراكتېرىدە بولدى. يۇقىرىقى كۇرسلاردا «سايراپ ئېچىلىش» بولدى. «بارچە گۈللەر ئېچىلسۇن، ھەممە بەس-بەس سايرىسۇن» دېگەن سىياسەت شۇ ۋاقىتتا يۈرگۈزۈلگەن. كۆڭلۈڭلاردا نېمە بار، شۇنى ئېيتىڭلار دېدى. بىز ئېيتتۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئەنە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا بولۇپمۇ 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان «مەدەنىي ئىنقىلابى» نەتىجىسىدە مىڭلىغان بىگۇناھ خەلق تۈرمىلەرگە تاشلاندى، كۆپلىگەن تارىخىي ۋە مەدەنىي ئەتىقىلەر يوقىتىلدى. شۇ دەۋرنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت سادىقوف مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «ماختاپ ئېلىپ كەلگەن كوممۇنىستلىرى ھە دېگەندىلا باينى تىللاڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئەزگەن، دەپ بىزنى ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە سېلىپ قويدى. ‹مەدەنىي ئىنقىلاب›، ‹كوممۇنا› دېگەن چىقتى. خەلقنى بىر قازانغا قاراتتى. ‹پولات تاۋلاش› دەپ كېچە-كۈندۈز تاش سوقتۇرۇپ، تاشلارنى ئېرىتىمىز دەپ، نە ئادەملىرىمىز كېسەللەرگە ئۇچرىدى».