12-ئاينىڭ 31-كۈنى شەنبە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تاماملىنىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. كېيىن مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى مۇراسىمى جەريانىدا سىنئالغۇغا ئېلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرى شۇنداقلا پىكىر-چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم مەخسۇم ھاجىم ھايات ۋاقتىدا قانداق قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ماڭغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشۇنداق داۋام قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ ۋەدىسى ۋە ئەمەلىيىتى سۈپىتىدە بۇ مۇنبەردە جەم بولۇپ ئولتۇردۇق.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، مەرھۇم ئۇستاز مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتى سەپداشلىرىنى غەپلەتتىن ئويغىتىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر چوڭ بىر ئالىمىمىزدىن، يولباشچىمىزدىن، قوماندانىمىزدىن، رەھبىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش، ئەمما مەرھۇم ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىتىشقا تىرىشتى دەپ بىلىپ بۇ ۋەزىپىنى تېخىمۇ جانلىق بىر شەكىلدە يۈرىتىمىز.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا تەتبىقلاش ئارقىلىق بىز بىلەن بىر سەپداشلىق ھاياتى جەريانىدا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن چوڭقۇر ئىزلىرىدىن ۋە سىرداشقان سىرلىرىمىز ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇزاكىرە قىلغان مەسلىھەتلىرىمىز، پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن كونكرېت ۋە ئەمەلىي قەدەم ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. مەن خىزمەتلەردە، سەپەردە، ئولتۇرۇپ قوپۇشتا ھەر زامان مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىرگە ئۆتكەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەخسۇم ھاجىمنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرىنى، غايە-مەقسەتلىرىنى يېقىندىن ياخشى بىلىمەن. قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن سىرلىرى ۋە نۇرغۇن بىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىلىرىمىز بار، بۇنىڭ ئەلۋەتتە سەپداشلار بىلەن، تەدرىجىي ھالدا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمبەھىر بولۇپ بىرلىكتە تەتبىقلايمىز.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەخسۇم ھاجىم ئۆزىنىڭ ئىلمىي خىزمىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ سىرتىدا، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەرتلىرىنى يۈرىكىگە چوڭقۇر سىغدۇرغان ۋە بۇ ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى تالاپەتسىز نىشانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن قىيىنچىلىقلارنى ئۈستىگە يۈكلىگەن بىر رەھبەر ئىدى.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەرھۇم ئۇستاز مەخسۇم ھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەخسۇم ھاجىم بۇ داۋانىڭ قىيىنچىلىقىنى ياخشى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ داۋانى تارىختا ئۆتكەن كاتتا ئۆلىمالىرىمىز، سابىت داموللام، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ سىياسىي رەھبەرلەر، دىنىي ئالىملىرىمىزنىڭ ۋە قوماندانلىرىمىزنىڭ شۇنداق قاتتىق تىرىشىپمۇ ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن مەسىلىسىگە تا شۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ناھايىتى ئىنچىكىلەپ قارايتتى.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مائارىپ ساھەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەخسۇم ھاجىم كېچە-كۈندۈز ياشلارنىڭ تەربىيىلىنىپ چىقىشىغا، ھەم ئىسلامى، ھەم پەننى، ھەم سىياسىي ساھەلەردە ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بىر نۇقتىغا كېلىشىگە تېرىشىپ كەلگەن ئىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، مەرھۇمنىڭ ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغدىشى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىن بىلەن مۇجەسسەملىشىپ بىرلىشىپ كېتىشى، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن ھەر ساھەدە كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. مەخسۇم ھاجىم سەپنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھەم تەبلىغ بىلەن، ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن بىزگە كۆرسىتىپ كەلدى. بۇ كىشىنىڭ بىزگە ھاياتىدا ئەمەلىي كۆرسەتكەن ئۈلگىلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.»
ئىبراھىم داموللام، مەرھۇم دىنىي ئالىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 9 كۈن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئالىمسىز بىر دۇنيا قۇياشسىز، يۇلتۇزسىز قاراڭغۇ دۇنياغا ئوخشاش، ئالىمنىڭ ئۆلۈمى ئالەمنىڭ ئۆلۈمى. ھەر بىر ئالىم ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئالەمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم يوقالسا مەۋجۇدىيەت-ھايات يوقىلىدۇ، ئالىم يوقالسا ئالەم يوقىلىدۇ. مەرھۇم ئۇستازىمىز بىزگە مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مائارىپنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىن مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.