ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللا قادىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ناھەق دېلوسىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلار
2013.07.30
ئابدۇللا قادىرى 1920-يىللاردا يازغان ئىككى رومانى - «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مېھرابتىن چايان» بىلەن زامانىۋى ئۆزبېك رومانچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 20-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى تىكلىگەن ئۇستاز يازغۇچىدۇر.
ئورتا ئاسىيادا بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتى تىكلەن]گېن 1920-يىللاردا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان ئابدۇللا قادىرى كېيىنچە مەپكۇرە جەھەتتىن قىزىل رېجىمنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانى دەسلەپ ئەرەب يېزىقى بىلەن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئورتا ئاسىيا رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى قەشقەرىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. ئەمما 1928-يىلى يازغۇچىنىڭ ئىككىنچى رومانى «مېھرابتىن چايان» سلاۋيان يېزىقى بىلەن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىق ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆپ تارقىلالمايدۇ. يازغۇچىنىڭ نامى پۈتكۈل ئورتا ئاسىياغا كەڭ تونۇلۇشى بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بولغان سىياسىي بېسىممۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. 1929-يىللاردىن باشلاپ ئابدۇللا قادىرى قىزىل مەپكۇرەنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا «ئابىد كەتمەن» قاتارلىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە كولخوز تۇرمۇشىنى مەدھىيىلەيدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يازغۇچى 1937-يىلى ستالىن قوزغىغان چوڭ تازىلاشتا قولغا ئېلىنىپ، 1938-يىلى 5-ئۆكتەبىردە ئالىي سوت ھەربىي كوللېگىيىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەمدىلا 43 ياشقا كىرگەن تالانتلىق يازغۇچى قىزىل رېجىمنىڭ ناھەق قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇللا قادىرىنىڭ ئەسەرلىرى تاكى 1956-يىلى يازغۇچىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگۈچە بولغان 20 يىل مابەينىدە سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا چەكلىنىدۇ. پەقەتلا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرى قايتا يورۇق كۆرۈشكە باشلايدۇ.
1960-يىلى يازغۇچىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مېھرابتىن چايان» رومانلىرى تاشكەنتتىكى «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تەڭلا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشىدۇ. 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ ئىككى رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئابدۇللا قادىرىنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان چاغدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللا قادىرى ناھەق ئۆلتۈرۈلۈپ توپ-توغرا يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە يازغۇچىنىڭ دېلوسىدىكى مەخپىي سىرلار ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. تاشكەنتتە چىقىدىغان «شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق سانلىرىدا ئەدىب نەبىجان باقىنىڭ «قەتلىنامە: ئابدۇللا قادىرىنى كىملەر، قانداق يوسۇندا، قەيەردە، قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن قەتلى قىلدى؟» ناملىق ھۆججەتلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە ئاپتور ك گ ب ئارخىپىدىكى ئابدۇللا قادىرىنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتلەرگە تايىنىپ مەرھۇم يازغۇچىنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سىرلارنى ئاشكارا قىلغان. دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، ك گ ب ئارخىپىدىكى ئابدۇللا قادىرىنىڭ دېلوسىدا قەشقەرىيىگە دائىر بايانلارمۇ ئورۇن ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، 1935-يىللاردا قەشقەردىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر سودىگەر يازغۇچى ئابدۇللا قادىرىنىنىڭ تاشكەنتتىكى ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەن. ئۇ كىشى ئابدۇللا قادىرىغا «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، مۇمكىن بولسا كىرېل يېزىقىدىكى بۇ ئەسەرلەرنى ئەرەب يېزىقى بىلەن باستۇرۇپ قەشقەردە تارقىتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان. ئابدۇللا قادىرى بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ، ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تارقىلىشىغا رازىلىق بەرگەن. ئابدۇللا قادىرىنىڭ ئۆيىدە بولغان بۇ كۆرۈشۈشكە بىر قىسىم ئۆزبېك يازغۇچى-شائىرلىرى بىلەن بىر قاتاردا ياش شائىر غاپۇر غۇلاممۇ قاتناشقان. ۋاھەلەنكى، ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتۈپ، ئابدۇللا قادىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايى قىلمىشلىرى» قاتارىدا ئاشۇ قېتىمقى قەشقەرلىك ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ تارتىپ چىقىرىلغان.
غاپۇر غۇلام ئىمزاسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان گۇۋاھلىق خېتىدە ئابدۇللا قادىرىنى «مىللەتچى، دىنىي مۇتەئەسسىپ ھەمدە رۇسلارغا ۋە شۇرالار ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇنسۇر» دەپ ئەيىبلىگەن. غاپۇر غۇلام يەنە ئابدۇللا قادىرىنى قەشقەرلىك سودىگەر ئارقىلىق ئۆز رومانلىرىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىتىشقا ۋە ئۆزىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ئىدىيىسىنى قەشقەرىيىگە يېيىشقا ئۇرۇنغان دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ك گ ب ئارخىپىدىكى ئابدۇللا قادىرىنىڭ «جىنايەتنامە» سىدە يەنە مەرھۇم يازغۇچىنىڭ زامانداشلىرىدىن ئايبېگ، ئابدۇللا قاھار، ئۇيغۇن، خەمىت ئالىمجان قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسىدىكى گۇۋاھلىق خەتلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئابدۇللا قادىرىنىڭ تارىخىي رومانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يالغۇز ئۆزبېك ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدىمۇ زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئابدۇللا قادىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرىنى يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.