7-نويابىر كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
چېلەكتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ناھىيە رەھبەرلىكى، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، چېلەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
دەسلەپ سۆزگە چىققان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئورۇنباسار ھاكىمى ئايبېك بىدايېف ناھىيە ھاكىمى بىنالى ئىسقاقنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ناھىيە ھاكىمىنىڭ تەبرىك سۆزىدە پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىلگىرى سۈرگەن «تۇغۇلغان يەر» پروگراممىسى بويىچە، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئاۋاتلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭدا يەنە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پۈتكۈل يۇرت-جاماەتچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاخىرىدا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت نامىدىن بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى دىلمۇرات قوزىيېف ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، دىلى بىر خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرىدىكى مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا روزىباقىيېفقا بېغىشلانغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ سۆزىدە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئەينى دەۋردە سىياسىي ئىشلاردىن باشقا، ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى تىكلەش، تىلىنى ساقلاش، مەدەنىيەت، مەتبۇئات ۋە مىللىي ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف بۇ يىل ئابدۇللا روزىباقىيېفقا بېغىشلانغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا روزىباقىيېف سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا دائىر كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئادەم. مەن ئۇنى 20 يېشىدىن باشلاپ جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، كۆپلىگەن لاۋازىملىق خىزمەتلەردە ئىشلەپ، قازاقىستان دىيارى ئۈچۈن، ئۆز خەلقى ئۈچۈن، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئەرباب، دەپ ھېسابلايمەن. بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز».
جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئابدۇللا روزىباقىيېفقا ئوخشاش داڭلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، ئۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن ۋە كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىكەن.
مۇراسىم داۋامىدا مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ سەنئەتكارلىرى، ئوقۇغۇچىلار، ئالمۇتادىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىدىن كەلگەن «دوستلۇق» ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا يەنە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە ئاكتىپ كۈچ كۆرسەتكەنلەر، «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى ۋە سوۋغىلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇتقۇچىسى نادىرەم تايىپوۋا مۇنداق دېدى: «مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى. بۇنىڭدا چېلەك يېزىسىدىكى ھەر بىر كىشى يۇرت ئۈچۈن بولۇۋاتقان بۇ ئىشقا جان كويدۈردى. ئۇندىن باشقا مەكتەپ ئۇچۇمكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىنى كۆرسەتتى».
نادىرەم تايىپوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپتە ئۇيغۇر ۋە رۇس سىنىپلىرىدا مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ھەر قانداق ئىشلارنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە يىگىت باشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئېلىپ بارماقتىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامە بېرىلگەن مەكتەپلەر يەركەنت (پانفىلوف) ناھىيىسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىن، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ باھار يېزىسىدىن ۋە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ئالمۇتا شەھىرىدىكى چوڭ كوچىلارنىڭ بىرىگە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ نامى بېرىلگەن ئىكەن.
0:00 / 0:00