سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ياد ئېتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.06.16
abdurauf-mexsum.jpg سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم
RFA/Oyghan


15 - ئىيۇن ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىموفنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر خەتمە - قۇرئان پائالىيىتىنىڭ رىياسەتچىسى يازغۇچى ئالىمجان باۋۇدىنوف شۇ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتلىغان مىللىي

ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى، ئەنە شۇ كۈرەشتە ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ تۇتقان ئورنى، ئۇنىڭ ھايات يوللىرى ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم كىم؟

ئابدۇرەئۇف مەخسۇم 1914 - يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ دىنىي بىلىم ئالغاندىن كېيىن، 12 يېشىدا ئاتاقلىق ھۆسەنباي مۇسابايېفنىڭ ئىگىلىكىدە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئەمگەك پائالىيىتىنى باشلىغان. ئۇ، «ئازادلىق تەشكىلاتى» رەھبەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە باسقۇنچىلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئېلىپ بېرىشتا ئالدىنقى سەپتە بولدى. 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ باش كاتىپى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى.

مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن، 1949 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىتىلدى. 50 - يىللاردىن باشلاپ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت قاتناشقۇچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشلەر باشلانغاندا باشقىلار قاتارىدا ئابدۇرەئۇف مەخسۇممۇ شۇنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئۇ ئىككى يىل تۈرمىدە ئازابلانغاندىن كېيىن ئاقلىنىپ، 1953 ۋە 1963 - يىللار ئارىلىقىدا ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىيەتىنىڭ رەھبىرىي خىزمەتلىرىدە بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە چىدىغۇسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇ 1963 - يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئون يىل ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىقتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش»، «ئازادلىق» ۋە باشقا كۆپلىگەن ئوردېن - مېداللىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر خەلقى ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنى ئۇنۇتمايدۇ

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئۆز قولى بىلەن قۇرغان، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىردىن - بىر ئاخىرقى مىراسخورى ئىدى. بىز ئا. مەخسۇمدىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندا ئەمدى ئاخىرقى دۆلىتىمىزنىڭمۇ مىراسخورلىرىدىن ئايرىلىپ قالدۇق، تىرىك شاھىدىدىن ئايرىلىپ قالدۇق، دەپ ئېچىنغان ئىدۇق. لېكىن ئۇيغۇر خەلقى ئادۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىغا بۈگۈن قاتنىشىپ، ئۇنى يادلاپ، ئەسلەپ ئولتۇرىمىز. ئەسلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىز بولغان بولسا، ئادۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتى ئۇيغۇرىستاندا دۆلەت تەرىپىدىن چوڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئاخىرقى دۆلىتىمىزنى ئورۇس بىلەن خىتاي شوۋىنىست ھاكىمىيەتلىرى تىل بىرىكتۈرۈپ يوقاتتى.»

ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارالاشتى

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ يۇرتداشلىرى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، تارىخچى قاسىم مەسىمى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف قاتارلىقلار مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرىشىگە قوشقان تۆھپىسى، مىللىي قەدرىيەتلەرنى ساقلاشتىكى باشلانمىلىرى ۋە ئىنسانىي خىسلەتلىرى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە تۆۋەندىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى: «ھازىر ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارالاشتى. بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقى بىز ئۈچۈن بەك چوڭ ئىش. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارادا يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن مۆھتەرەم ئا. مەخسۇمنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنىڭ، ئۇلۇغ ئارزۇسىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.