ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي بېسىمدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ خالاس بولۇپ زور شىجائەت بىلەن قولىغا قەلەم ئالغان بىر پېشقەدەم ئەدىب ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن يېڭى سەھىپە ئاچتى.

ئۇنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخىي رومانلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە ئون يىللار داۋام قىلغان سىياسىي داۋالغۇشلار نەتىجىسىدە ئۆز تارىخى ۋە مىللىي روھىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى گويا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن بىردىنلا چۆچۈپ ئويغانغاندەك مەزكۇر رومانلارنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇدى. بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدە ئۆز رومانلىرى ئارقىلىق تارىخ ئېڭىنى قايتا ئويغاتقان بۇ مۆتىۋەر يازغۇچى دەل ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىدى!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1923-1995) 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 1940-يىللاردا ئېلان قىلغان «يۈرەك مۇڭلىرى»، «تارىم بويلارى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بىلەن 1980-يىللاردىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس نەمۇنىلەر ھېسابلىنىدۇ. بىز مەرھۇم يازغۇچى ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرى ھەققىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» رومانى ھەققىدە توختالغان تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «ئىز» رومانىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن شۇ قەدەر سۆيۈلۈپ ئوقۇلۇشى ھەمدە زىلزىلە قوزغىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، يازغۇچىنىڭ روماندا ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتىنىڭ بۇلاقلىرىنى قېزىشقا ئىنتايىن زور ماھارەت كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ 1980-يىللاردا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنى تارىخىي رومانچىلىققا مەركەزلەشتۈرۈشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى يازغۇچىنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكۈر ئەپەندى «ئىز» رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «تارىخىي تېمىدا يېزىلغان رومان، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم بەدىئىي ئەسەر بولۇشى، يەنى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق بىرىكمىسى بولالىشى، ھەممىدىن ئاۋۋال تارىخىي چىنلىقنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1949-يىلىدىن تاكى 1980-يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى يازغۇچىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە مىللىي ۋىجدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېسابلايدۇ.

ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ھۈسەن ئەپەندىمۇ يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كىشىلىكى، مىللىي غايىسى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت دۇنياسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىز.