20 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل توپ - توغرا 20 يىل بولدى.
ئۇنىڭ 1940 - يىللاردىكى بوران - چاپقۇنلۇق يىللاردا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، بەلكى شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن 20 يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور ئىشتىياق بىلەن يادلانماقتا.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1947 - يىلى يازغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرى يېقىندىن بۇيان تۈرك ناخشا چولپانلىرى تەرىپىدىن سەھنىدە ئېيتىلىپ، مىڭلىغان تاماشابىنلارنىڭ يۈرەك - تارىنى چەكمەكتە. «ياق، ياق!» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ناخشا تۈرك ناخشا چولپانلىرىنىڭ زور ماھارەت بىلەن ئورۇنلىشىدا تۈركىيە سەھنىلىرىدە زور قىزغىنلىق قوزغىغان بولسا، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىغا مەنسۇپ مەزكۇر شېئىرىي تېكىست ئاڭلىغۇچىلارنى گۈزەللىككە ۋە مىللىي روھقا ئۈندىمەكتە.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ شېئىرغا مۇزىكا ئىشلىگەن ۋە ئۇنى دۇتار بىلەن تەڭكەش قىلىپ ئۆزگىچە ماھارەتتە ئورۇنلىغان كىشى - ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتتۇر. بۈگۈن كىشىلەر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ياڭراق ئاۋازى مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ تۈركىيە سەھنىلىرىدە زور قىزغىنلىق بىلەن قايتا ئېيتىلىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى، دەپ قارىماقتا.
شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئۇنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئاۋاز ماھىرلىرىدىن ئابدۇقېييۇم ئىمىننىڭ دېكلاماتسىيە قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە كەڭ تارقالغان ئىدى. شائىرنىڭ 1947 - يىلى يازغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق بۇ شېئىرىمۇ «قارا ھىجران» ناملىق ئاۋازلىق لېنتىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خەلقنى كۈرەشكە، ئىجاتقا ۋە ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان يالقۇنلۇق شېئىرلىرى، مىللەتنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغاتقان بىر يۈرۈش رومانلىرى شۇنداقلا مىللىي ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد، غۇرۇر ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ كەلمەكتە.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئىجادىي ئىزدىنىشلىرى 20 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئەگرى - توقايلىقلارغا تولغان روھ تارىخىنىڭ ئالاھىدە جەريانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا شائىر ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خۇلاسە چىقىرىپ: «مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما» دەپ خىتاب قىلىدۇ.
ئۆتكۈر ئەپەندى 1940 - يىللاردا يازغان «مۇزلىغان شەھەر»، «باھار چىللايمەن» ناملىق شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ قاباھەتلىك يىللىرىدا ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىر «ئەركىنلىك كۈيچىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
شائىر يەنە شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ «خەجلە خائىنلار، خەجلە!» ناملىق شېئىرى ئارقىلىق ئانا تۇپراقنىڭ ماددىي بايلىقلىرى بىلەن مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى خۇددى مىتە قۇرتىدەك غاجاۋاتقان ئىچكىي - تاشقى دۈشمەنلەرگە ئوت ئاچىدۇ. دەرۋەقە، شائىرنىڭ بۇ غەزەبلىك خىتابى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقى ئۈچۈنمۇ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكۈر ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتكىلى 20 يىل بولدى، ئەمما ئۇ قالدۇرغان بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلار ۋە يالقۇنلۇق بەدئىي مىسرالار ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە ياشىماقتا. ئۇنىڭ خەلقنى كۈرەشكە، ھۆرلۈككە ۋە ئىجاتقا چاقىرغان شېئىرلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ھالقىپ ئانادولو تۇپراقلىرىغا قەدەر ياڭرىماقتا.