ئابدۇرېھىم تۇرسۇن-دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تېمىسىدا دوكتورلۇق ئۇنۋان ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر ئالىمى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۇيغۇر مىللىي پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىش تۈركشۇناسلىق ئىلمى، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىقتىكى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ساھەدۇر. مەزكۇر ساھە بويىچە مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقاتلار مۇكەممەللىكى جەھەتتىن ھازىرغىچە تېخى ئۆز دەرىجىسىگە يەتكىنى يوق. گەرچە بۇ ساھەدە ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇلار تېخى سىستېمىلىشىش ۋە قاتلاملىشىش دەرىجىسىگە يەتمىدى. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇنىۋېرسال ۋە ئايرىم تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن تولغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر دەۋرى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى، يەنى بۇددىزم دەۋرىدىكى پەلسەپىسى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بۇددىزم ئېتىقادى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەخلاق، ئېستېتىك، تەبىئەت قارىشى قاتارلىق دۇنيا قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ساھە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىدە تېخى ھازىرغىچە ئاز تەتقىق قىلىنغان ساھە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىر قىسىم شەرقشۇناس ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تىلى ۋە سىياسىي ھاياتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشقا تېخى دېگەندەك قەدەم باسالمىغان ئىدى. بۇ ساھەگە تۇنجى بولۇپ، يەنىلا ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۆزلىرى قەدەم باستى.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ياش ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 40 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، جامائەتچىلىكى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىشتۇر. ئا. تۇرسۇن مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ۋە ياكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۇ ساھە بويىچە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە پەلسەپە دوكتورى (Ph.D) ئىلمىي دەرىجىسىنى ئالغان ئىدى.

ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىغا يۇقىرى باھار بەردى ھەم ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ۋاقىتسىز ھاياتتىن كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئا. تۇرسۇن 1973-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇچتۇرپان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بالىلىق چېغى شۇ يەردە ئۆتكەن. ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تېخنىكوم ۋە ئالىي مەلۇمات ئالغان ئا. تۇرسۇن 1997-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى. بۇ جەرياندا ئۇ قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى پەلسەپە دوكتورى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ھەم ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى. دەسلەپتە ئۇ ئىككى يىل مابەينىدە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمىچىلىك كەسپىنى تۈگىتىپ، ئىنگىز ۋە رۇس تىللىرىنى ئۆگەندى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇ يىللىرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن مەنبەلەر رۇس تىلىدا بولغانلىقتىن، ئە. نارىنبايېف ئۆز شاگىرتىغا رۇس تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىش تەلىپىنى قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئا. تۇرسۇن بۇ جەھەتتە ئاجايىپ تىرىشچانلىقىنى نامايىش قىلدى. بارا-بارا ئۇ ۋ. رادلوف، س. مالوف، ۋ. گرىگوريېف، ۋ. بارتولد، ل. تۇگۇشېۋا، ئا. بېرنشتام، س. كلياشتورنىي، د. ۋاسىليېف، ل. گۇمىليېف، د. دمىترىيېف، ل. قىزلاسوف قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

ئا. تۇرسۇن پەقەت بىشكەكلا ئەمەس، بەلكى ئالماتا ۋە ئۈرۈمچى كۇتۇپخانىلىرىدىمۇ ئىشلەپ، بۇ جەرياندا ئۇ رۇس، قازاق، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قىرغىز، خەنزۇ ۋە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. بولۇپمۇ ياش ئالىم رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتتى. دەرۋەقە ئۆز ئالدىغا قويغان مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ تىنماي ئىزدەندى، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى، دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن ئۇيغۇر ۋە تۈركىي ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇلاردىكى پەلسەپە ھەم دۇنيا قاراشلىرى بويىچە سىستېمىلىق رەۋىشتە تەتقىقات ئىشلىرى ئېلىپ باردى. ئۇ شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرق ۋە غەرب، قەدىمكى يۇنان، ئىسلام، رۇسىيە پەلسەپە پىكىرلىرىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ دۆلەتچىلىك، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەخلاق، ئېستېتىك قاراشلىرى ساھەلىرى بويىچىمۇ كۆپ ئىزدەندى.

مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار ئا. تۇرسۇننىڭ 2002-يىلى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەخسۇس دىسسېرتاتسىيە ياقلاش كېڭىشىدە «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋوليۇتسىيىسى (بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا)» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئا. تۇرسۇن كۆپلىگەن ئىلىم دەرگاھلىرىدا ئۆتكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا دوكلات بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر پەلسەپە پىكىرلىرىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆتۈردى. ئۇ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» مونوگرافىيىسىنىڭ (بىشكەك، 2002-يىل)، «تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئېستېتىكىلىق قاراشلىرى»، «تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېتىكىلىق كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق بىر قانچىلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.

قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئۇستازى ئەزىز نارىنبايېف ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئوقۇغۇچىسىنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئۇنىڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئاخىرى دىسسېرتاتسىيىسىنى پۈتتۈرۈپ، غەلىبىلىك ياقىلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نارىنبايېف ئەينى ۋاقىتتا دىسسېرتاتسىيە سورۇنىغا داڭلىق ئالىملار، پروفېسسورلار قاتنىشىپ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسلىدى.

ئا. تۇرسۇن شۇنداقلا قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ پەلسەپىسى بويىچە دەرىسمۇ يۈرگۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن تاشقىرى تەرجىمىچىلىك پائالىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قاتار كلاسسىك ۋە زامانىۋى ئەدىبلىرىنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، 2001-يىلى ئۇلارنى تۇنجى قېتىم ئايرىم توپلام سۈپىتىدە نەشر قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاكادېمىك، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف ۋە فىلولوگىيە پەنلىرى نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف مەرھۇم ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.