ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئۇيغۇر تىلى مېنى تۇتقانلارنىڭمۇ، مېنى ھاقارەت قىلغانلارنىڭمۇ تىلى ئىدى!...» (6)

0:00 / 0:00

ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

- ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسىدىن كەلگەن ساقچىلار بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى 2013-يىلى 19-ئاۋغۇست كۈنى مېنى قەشقەردە تۇتقۇن قىلدى. ئەتىسى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ باردى. ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن مېنى ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامىدى. ئۇ يەردە تاكى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، يەنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىگىچە قامالدىم. ئاندىن مېنى ليۇداۋان قاماقخانىسىغا يۆتكىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئۇ يەردىن مېنى كۆكتاغ (يەنى مىچۈەن) قاماقخانىسىغا يۆتكىدى. نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قاماقخانىلارغا يۆتكىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. مەن مىچۈەن قاماقخانىسىدا تاكى ئىككىنچى يىلى 7-ئايلاردا يېپىق سوتقا ئېلىپ چىقىلغۇچە بولغان جەرياندا بىر يىلدەك قامالدىم.

-مەن قاماقخانىدىكى ئاشۇ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەشنى ئەسلا خالىمايمەن. مەن پەقەت شۇنىلا دېيەلەيمەن: مەن خورلاندىم، بۇ خورلىنىش تۈرمە ساقچىلىرىدىن باشقا يەنە كۆپىنچە ھاللاردا كامېردىكى ئىنسانلاردىنمۇ كەلدى. چۈنكى قاماقخانىغا قامالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا تۈردىكى جىنايەتلەر بىلەن قامالغانلار ئىدى. ئۇلار كىتابقا، زىيالىيلارغا ياكى بىلىمگە بولغان زەررىچە قىزىقىشى يوق ئىنسانلار ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن جىنايەتچىنىڭ كىيىمىنى كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش «مەخلۇق» ھېسابلىناتتى. مەن قاماقخانىدا ئاشۇ خىل ئىنسانلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىقلىرىنىمۇ كۆردۈم.

- لېكىن ئىنسان بار يەردە مۇھەببەت بولىدىكەن، ئىنسان بار يەردە ھەققانىيەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىگىچىلەرگە ھېسسىداشلىقمۇ بولىدىكەن. مەن قاماقخانىدا يەنە مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ئىنسانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدە، كۆز نۇرىدا شۇنداقلا مۇئامىلىلىرىدە ماڭا بولغان ئاجايىپ سەمىمىي ھېسسىداشلىقنىمۇ ھېس قىلدىم. بىلىشىمچە، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «جىنايەتچىلەر» نىڭ كۆپىنچىسى «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغانلار ئىدى.

- مەن قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئاشۇ مىنۇتتىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى تاملىرىدىن سوغۇق ئۇچۇپ تۇرىدىغان مۇدھىش قاماقخانىلارغا قامالغاندىمۇ، ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلمىدىم. چۈنكى خەلقىمىز ئارىسىدىن ھامان بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشلارنى قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما قاماقخانىدا مېنىڭ بىلەن بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان؛ مىللىتى، دىنى، قېنى ۋە باشقا ئېتنىك تەۋەلىكى مەن بىلەن بىر تۈركۈمگە تەۋە ئىنسانلار تەرىپىدىن خورلانغان چاغلىرىمدا، «بۇ تىل يالغۇز مېنىڭلا تىلىم ئەمەسقۇ! بۇ تىل ھەممىمىزنىڭ، يەنى مېنى تۇتقانلارنىڭمۇ، مېنى ھاقارەت قىلغانلارنىڭمۇ، ماڭا زۇلۇم سالغانلارنىڭمۇ تىلىغۇ!؟» دەپ ئويلىدىم.

(داۋامى بار)