2-ئۆكتەبىر توكيودا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئۆكتەبىر توكيودا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى، شۇنداقلا شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىي توغرىسىدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغان توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى،ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تىل تەرجىمانى رېئىكو ھاگىتا خانىم ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەيدىكەن.
ئۇيغۇر تىل تەرجىمانى رېئىكو ھاگىتا خانىم بولسا ئىلگىرى شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانى ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابلارنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.
يېقىندا ياپونىيە تاكى نەشرىياتى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 80 پارچە شېئىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. مەزكۇر شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ،بۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ياپونچە نەشر قىلىنغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمىغا «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان دەۋر»ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندىممۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنى ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.
بۇ خىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ توكيودا چاقىرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرلىرى ياپون ياشلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان شېئىرلىرىغا ئايلانغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارىما خانىم: «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى ئوقۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ھەقىقەتەن قالتىس يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئاچىل» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا كۆرسىتىلىشىچە، شائىر(1901-1933) شېھىت بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم، 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتىدە» ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابتا دېيىلىشىچە، شائىرنىڭ 1970-يىللاردا ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان ئۆزبېكچە «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابتا «بەر مەدەت»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى» قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا، 1979-يىلىدىن باشلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان «تارىم»، «تۇرپان»، «بۇلاق» ژۇرناللىرى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە 1986-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن مەخمۇت زەيدى، قادىر ئەكبەر، ئىسمائىل تۆمۈرلەر تۇنجى قېتىم «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى نەشرگە تەييارلاپ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان كىتابلاردا ئېيتىلىشىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ھازىرغىچە شائىر، يازغۇچى خېۋىر ئۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، شائىر، يازغۇچى مۇھەممەد شاھنىياز يازغان «كەلگۈسىنىڭ شائىرى» ناملىق كىتابلار نەشر قىلىنىپ شائىرنىڭ ھاياتىغا دائىر بىر قىسىم مەلۇماتلار بايان قىلىنغان.
مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغان ئادەم» ناملىق كىتابىدا بولسا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش بىلەن ئۆتكەن جەڭگىۋار ياشلىق ھاياتى بايان قىلغان.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا دائىر « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» ناملىق تەتقىقات كىتابىدا جەمئىي 27 پارچە ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ ھاياتىغا دائىر ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭ يازغان ئەسلىمىلەردىن ئىبارەت. بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى تولىمۇ قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 80-يىللاردىن كېيىن باشلانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە كوممۇنىست خىتايدىكى ماركسىزملىق ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بويىچە باھالار بېرىلگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، توكيودا چاقىرىلىدىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.