0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ پروزا ژانىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى تۇرغان توختەموفتۇر.
ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېست ۋە رومانلىرى رۇس، قازاق ۋە باشقىمۇ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، كىتابخانلاردا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە كەڭ دائىرىدە ئوقۇتۇلماقتا.
تۇرغان توختەموفنىڭ ئىجادىيىتى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەلەمداشلىرى يازغۇچى ئىجادىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭغا تېگىشلىك باھاسىنى بەرمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى شائىر ئابلىز ھېزىمدۇر. ئۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇرغان توختەموفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى.