ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (ف ب ئى) نىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ئارخىپلىرىنى ۋاراقلىغاندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سىرلىق شەخسنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. ناھايىتى ئاز كىشىلەر بىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەھمەد كامال بولۇپ، ئۇ 1930 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستان ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خوتەن بوستانلىقىغا سەپەر قىلغان.
ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بۇ ناتونۇش ئامېرىكىلىق ياشنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان 1930 - يىللاردا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ئاياق بېسىشى كىشىنى تولىمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەھمەد كامال زادى كىم، ئۇ نېمە مەقسەت بىلەن يىراق ئامېرىكىدىن ئوكيان ئاتلاپ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بارغان، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئەمەس، بەلكى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36 - دىۋىزىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان خوتەن رايونىغا بارىدۇ؟...
بۇ سوئاللارنىڭ قىسمەن جاۋابىنى ئۇنىڭ 1940 - يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلغان «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىن تېپىشقا بولىدۇ. 1935 - يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا خوتەندە بىرقانچە ئاي تۇرغان ئەھمەد كامال تۇڭگان دىۋىزىيەسىنىڭ گېنېرالى ما خۇسەن بىلەن نۇرغۇن قېتىم مەخپىي سۆھبەتلەردە بولىدۇ. ئاخىرىدا ما خۇسەن ئۇنى ئامېرىكىدىن ئايروپىلان، تانكا ۋە زەمبىرەك قاتارلىق زامانىۋىي ئۇرۇش قوراللىرى سېتىۋېلىش سودىسىغا ۋاستىچى بولۇپ بېرىش شەرتى بىلەن خوتەندىن كېتىشكە رۇخسەت بېرىدۇ. ئەھمەد كامال قايتىشىدا قاغىلىق ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىدۇ. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى تور قۇرغان قەشقەردە ئۇنىڭ پائالىيىتى قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئەھمەد كامال قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىنىدۇ. ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە ئۇ سەپەرداشلىرى بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ 3 خاتىرە دەپتىرى، رەسىم ئاپپاراتى ۋە باشقا مال - مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئاقسۇ تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچىگە مەخپىي ھالدا يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئۇنى سوۋېت مەخپىي خادىمى سېيىت ھاجى سوراق قىلىدۇ. قىيىن - قىستاق ۋە ئازابلىق تۈرمە ھاياتى ئايلارچە داۋاملىشىدۇ. ئەمما مەيلى موسكۋا بولسۇن، ياكى شېڭ شىسەي بولسۇن، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بۇ ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە پېتىنالمايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ سىرلىق ھالدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن قۇمۇلغا يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەينىڭ ئەھمەد كامالنى قايتا قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى يولۋاس شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلماي ئۇنى مەخپىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىۋېتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەھمەد كامال شاڭخەي ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتىدۇ، لېكىن ئاقسۇدا مۇسادىرە قىلىنغان شەخسىي مال - مۈلكى، تارتقان رەسىملىرى ۋە خاتىرە دەپتەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قىلغان سىرلىق سەپىرى ھەققىدە «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ كىتابتا ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەد كامال ھەققىدە مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن، ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن كۆپ مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ.
سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئىلگىرى سىرلىق تۈس ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارا بولۇشقا باشلايدۇ. 2010 - يىلى ئىئان جونسون ئىسىملىك ئاپتورنىڭ قەلىمىدە «ميۇنخېندىكى جامە: ناتسىستلار، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە غەرب دۇنياسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» ناملىق كىتاب بوستوندا نەشر قىلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ئەھمەد كامالغا دائىر مەخسۇس بابىدا ئۇنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ.
مەزكۇر كىتاب ئاپتورىنىڭ فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئارخىپىدىن ئىگىلىشىچە، ئەھمەد كامال 1914 - يىلى 2 - فېۋرالدا ئامېرىكىنىڭ كولورودا شىتاتىغا قاراشلىق ئارۋادا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى رەسمىي ئىسمى سىماررون ھاساۋەي بولۇپ، ئانىسى كارولىنا بىلەن ئۆگەي دادىسى ھاساۋەينىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئامېرىكىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئارخىپتىكى ئۇچۇرلار پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قارا يۈسۈپ ئىكەنلىكى، تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلۇقى، 64 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكىلىق 16 ياشلىق قىز كارولىنا بىلەن توي قىلغانلىقى قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن. قارا يۈسۈپ ئوغلى ئەھمەد كامال بالا ۋاقتىدىلا يۇرتىدىكى خوتۇن - بالىلىرىنى سېغىنىپ ئامېرىكىدىن كەتكەنلىكى مەلۇم.
سىماررون ھاساۋەي دېگەن ئىسىم - فامىلە بىلەن چوڭ بولغان ئەھمەد كامال كىچىكىدە ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇساجان ئىسىملىك تاتار ئۆلىمادىن بىلىم ئالىدۇ. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىرىنى ھەمدە ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. 1935 - يىلىغا بارغاندا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئەھمەد كامال سىرلىق ھالدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىدۇ. كىتاب ئاپتورى ئىئان جونسون ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سىرلىق سەپىرىنى فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيدۇ.
1938 - يىلى ئەھمەد كامال رەسمىي ھالدا ئۆز ئىسمىنى سىماررون ھاساۋەيدىن ئەھمەد كامالغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. 1941 - يىلى ئۇ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يوقاتقان خاتىرە دەپتەرلىرىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن تيەنجىنگە بارىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش مۇمكىن بولماي تيەنجىندە ئامىنە ئىسىملىك بىر تاتار قىز بىلەن توي قىلىدۇ. كېيىن ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ، تاكى 1945 - يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە تۈرمىدە ياتىدۇ.
ئۇرۇشتىن كېيىن ئەھمەت كامال كالىفورنىيەگە قايتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھىندونېزىيەگە بېرىپ «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن ئىسپانىگە بېرىپ بىرقانچە يىللار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
1960 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، ميۇنخېن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بازىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەھمەد كامال ميۇنخېندا پەيدا بولۇپ، بۇ يەردىكى تۇنجى مۇسۇلمانلار جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان بىرقانچە مىليون دوللار ئىقتىسادنى ئەھمەد كامال ئامېرىكىغا تايىنىپ ھەل قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئارخىپلار ميۇنخېندا «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈركىي تىللىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىشنىڭ تەسىس قىلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردا ئەھمەد كامالنىڭ سىرلىق سايىسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەھمەد كامال 1989 - يىلى، يەنى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىرىلىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن كالىفورنىيەدىكى سانتا باربارا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ بىر ئۆمۈر كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان تۇركىستاننىڭ ئازادلىقىنى كۆرۈشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرۈش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمايدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ ئوغلى تۆرە كامال كېيىن دۇنياغا مەشھۇر گىتار ماھىرلىرىدىن بولۇپ تونۇلىدۇ.
0:00 / 0:00