25 - يانۋاردا ئالماتادىكى «راسۇل» كافېخانىسىدا «مۇسابايېفلار ۋە مىللىي مائارىپ» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئالماتادىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، مۇسابايېفلار ئەۋلادلىرى، شۇنداقلا قازاق، تاتار، ئەزەربەيجان مىللەتلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.
ئالدى بىلەن قۇرئان ئوقۇلۇپ، ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى غارىب ئەخمېدوف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىيەت بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، يازغۇچى ئابېن نۇرمانوفلار مۇسابايېفلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەم مائارىپىدىكى رولىنى، ئومۇمەن تىجارەتچىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئورنىنى، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى. قازاق زىيالىيسى ئا. نۇرمانوف مۇسابايېفلارنى ئەسلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر خەلقىنى نېمە ئۈچۈن ياقتۇرىمەن؟ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ غوللۇق تىلىنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا مەن خوشالمەن. ئاراڭلاردا يۈرۈپ مەن بۇنى ياخشى بايقاۋاتىمەن. ئىككىنچىدىن، مەن سىلەرنى مېھنەتكەش، ئادىل، ھەقىقەتچىل ئىكەنلىگىڭلار ئۈچۈن ياقتۇرىمەن. ئۈچىنچىدىن، سىلەر يۈرگەن يېرىڭلاردا ياتسىراپ قالماي، ئۆزەڭلارنىڭ ئۇلۇق شەخسلىرىڭلارنى ئۇنتۇماي كېلىۋاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن ياقتۇرىمەن. مانا مۇشۇ ئۈچ خاسىيەت مېنى سىلەرگە يېقىنلىتىۋاتىدۇ. بۈگۈن مانا مۇسابايېفلار ھەققىدە كىتاب چىقىرىپ، شۇلارنى ئەسلەپ ئولتارغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، مۇنداق ئىشلارنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.»
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان شۇنداقلا تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىلى، تارىخچى مۇنىر ئېرزىن، يازغۇچى ۋە شائىرلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف، ئابدۇخالىق ماھمۇدوف، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مىللىي ئىنقىلابى قاتناشقۇچىسى ۋاپاخان قۇربانوف، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا، «ئاخبارات» ژۇرنىلى ۋەكىلى نائىلەم ھەمرايېۋا، شۇنداقلا زېرىپ مولوتوف، قاسىم مەسىمى، ئابدۇللام سامساقوف، ماگېلان شەرىپوف، ئازتېكىن ئىبراھىموف، ئىسمايىلجان ئىمىنوف قاتارلىق زىيالىيلار، تىجارەتچىلەر ۋە باشقىلارمۇ بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئازتېكىن ئىبراھىموف چىن سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدا 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر توپ مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار تەر بىلەن، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالار بىلەن تاپقان پۇلىنى مەرىپەتكە ئىشلەتتى. ئۇلار مۇئەللىملەرنى تۈركىيەدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن، تاتارىستاندىن ئېلىپ كېلىپ، مەكتەپلەرنى ئاچقان. يۈزلىگەن بالىلارنى تاللاپ، چەتئەللەرگە ئوقۇشلارغا ئەۋەتكەن. شۇ جۈملىدىن ۋەتىنىمىزگە گېرمانىيەدىن چوڭ خروم ئىشلەپ چىقىش زاۋۇتىنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەتىنىمىزدە سالغان. بۇ زاۋۇتنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولدى. ئۇنىڭدا بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز، ئاكىلىرىمىز ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتتى، زامانغا لايىق شۇ يەردىن تەربىيە ئالدى. خەلقنى ئويغىتىشتا ئۇلارنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ.»
«مۇسابايېفلار ۋە مىللىي مائارىپ» ناملىق كىتاب «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفنىڭ لايىھىسى بويىچە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ توپلىشى ۋە نەشرگە تەييارلىشى بىلەن ھەمدە مۇسابايېفلار ئەۋلادلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا نەشر قىلىندى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى. «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن يورۇققا چىققان بۇ كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا - سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا سالماقلىق تۆھپە قوشقان مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەر ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنباي مۇسابايېفلارنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە ئائىت ماقالىلەر ئورۇن ئالغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئازاد ئاكا مۇسابايېف ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بوۋام ئىماممۇھەممەت، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئېلى، ئۇنىڭ ئوغلى مەن. بىز تۆرت بالا. تاشكەندتە تۇغقانلىرىمىز بار. ئۇلار كېلەلمىدى. بىشكەكتە ئابدۇللام ئەپەندىنىڭ بالىلىرى بار. ئاكا - ئۇكا ئىككىسى مىللەتكە ياخشىلىق قىلغان. يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلىغان، ئوقۇتقان، كىيىم - كېچەك، ياتاق بەرگەن. زاۋۇتقا شۇنداق ئىشچىلارنى ئالغان. مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوقۇتقان.»
138 بەتلىك بۇ كىتابتا مۇسابايېفلار ھەققىدە يېزىلغان شېرىپ خۇشتار، يالقۇن روزى، بۇمەرىيەم، ياپونلۇق ئالىم ئۇيىشى سىنىچىرونىڭ ماقالىلىرىدىن تاشقىرى، قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلارنىڭ ماقالىلىرى، شۇ جۈملىدىن ق. غوجامبەردىنىڭ «مۇسابايېفلار ۋە ئىلغارلىق يولى»، ئا. نۇرمانوفنىڭ «ئابرۇيىنى تىك تۇتقان ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار»، تونۇلغان قازاقىستانلىق تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ «مىللەت ۋە كاپىتال: مۇسابايېفلار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى رولى»، ئازتېكىن ئىبراھىموفنىڭ «مەشھۇر ئاتىلىرىمىز»، يادىكار سابىتوفنىڭ «ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلار» ماقالىلىرى، شائىر م. ئوبۇلقاسىموفنىڭ «زۇلمەتكە ئۈزۈلگەن ئوق» ناملىق شېئىرى ئورۇن ئالغان.