21-فېۋرالدا ئالماتادا ئاتاقلىق شائىر ساۋۇت ئىسكەندەروفنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى ئەسلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان شائىرلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، جانات ئەخمىدى، مەھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف، مىرزاخمەت مېرىموف، خۇرشىدەم ئىلاخۇنوۋا، پاتىگۈل مەقسەتوۋا، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقىلار ئەدىبنىڭ ئۆمۈر بايانى، ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر مەھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف س. ئىسكەندەروفنىڭ شائىر بولۇپ يېتىلىشىدە، بولۇپمۇ كىچىك دادىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، ئۆز دەۋرىدە ستالىننىڭ قانلىق تەقىبلىرىنىڭ قۇربانى بولغان كۆرنەكلىك شائىر ھېزىم ئىسكەندەروف ئىجادىيىتىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سىر ئەمەسكى، س. ئىسكەندەروف ئىجادكارلاردىن، ئاساسەن، بىر خىل ئەنداز، بىر خىل شەكىل ۋە بىر خىل مەزمۇندا يېزىشنى تەلەپ قىلغان ئاتالمىش سوتسىيالىستىك رېئالىزم ئىجادىي ئۇسلۇبىدىن، باشقىلارغا قارىغاندا، خېلىلا بالدۇر قول ئۈزۈپ، كىشىلىك جەمئىيىتىدىكى، ئۆز مىللىتى ۋەكىللىكىدىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنى، ھاياتىي سەرگۈزەشتلەرنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي-ئېستېتىك كۆز قارىشىدىن كېلىپ چىقىپ تەسۋىرلەشكە ئۆتكەن ئەدىب. بۇنىڭدا، يەنىلا، تۇرمۇشنى ئۆز ئەينى ئوچۇق-ئاشكارا تەسۋىرلەش، ھاياتىي ھەقىقەتلەرنى - ئۇ قانچىلىك ئاچچىق بولسىمۇ - ئەينەن توغرا يورۇتۇش تەقەززا قىلىنىدىغان رېئالىزم ئۇسلۇبى، بولۇپمۇ، ئاباي ئىجادىي مەكتىپىنىڭ ئىجتىمائىي، تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسلۇبى گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئۇسلۇب ئەدىب ئىجادىيىتىنىڭ مېغىزلىق مەزمۇنى بىلەن ئۆزەكداشتۇر. س. ئىسكەندەروف تەبىئەتەن خۇشقامەت، خۇشپېيىل، خۇشئاۋاز ۋە خۇشمۇئامىلە ئادەم بولغانلىقى ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداش، خىزمەتداش، سىرداش ۋە مۇڭداش بولغانلارغا ياخشى مەلۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى جەھەننەم ئوتىدا كۆيدۈرگەن مىللەت تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئوي-پىكىرلىرىنى، تەنقىدىي مۇلاھىزىلىرىنى، ئوتلۇق ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى شېئىرىي تىل بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا دۇتار تىلى بىلەن، خەلقنىڭ ئەسىرلەر ھالقىغان گاھ قۇۋناق، گاھ مۇڭلۇق ۋە دىلرەبا ئەلنەغمىلىرى بىلەنمۇ ئىپادىلەپ ئۆتكەن ئوت نەپەس ئەدىب ئىدى.»
مەلۇمكى، 1939-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن س. ئىسكەندەروف دەسلەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن غۇلجا شەھىرىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى دارىلمۇئەللىمىندە بىلىم ئالدى. 1958-يىلى ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن «ئىستىل تۈزىتىش، ئوڭچىل ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، لەنتەيزى خېڭىغا تەربىيىلىنىشكە پالانغان ئىدى. 1959-يىلى ئۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق غالجات ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئاندىن ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشنى داۋام قىلدى. شۇ يىللىرى س. ئىسكەندەروف ئالماتا شەھىرىدىكى قازاق رادىئوسى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئاڭلىتىشلىرىدا «ئاسمانغا تۈكەرسەڭ، ئۆزۈڭگە چاچرايدۇ» ناملىق ماۋزۇدا ئۆز نۇتقى ۋە شېئىرلىرى ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملىرىنى دۇنياغا يەتكۈزۈپ تۇردى. ئۇ بىر نەچچە يىل ئۇستازلىق قىلىپ، ئاندىن ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە ھەر خىل لاۋازىملاردا ئەمگەك قىلدى. شائىر «تىنچلىق ئىلھاملىرى»، «كىم كۈچلۈك؟»، «تۈگىمەس ئارمان»، «غەنىيمەت دەملەر، «دەردى يوق دەمسەن مېنى»، «كەچۈر مېنى، دىيارىم» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى بولۇپ، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرھۇمنىڭ كەسىپدىشى، تونۇلغان ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى س. ئىسكەندەروف بىلەن بىللە «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئىشلەش جەريانىدا يېقىندىن ئارىلاشقانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇ: ‹ ئۇكام، ستالىن دېگەن داھى ئۆلگەن چاغدا پۈتكۈل مەكتەپتە يىغا-زار بولۇپ كەتكەن. مەن يىغلاپ ئۆزۈمنى باسالماي قاپتىمەن. ھازىر قاراپ باقسام، ئۇ دەھشەتلىك ئادەم بولغان ئىكەن› دېدى. مەن مۇشۇ توغرىلىق ئەسەر يازساڭ بولىدىكەن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‹ئىسىت شۇ يىغام› دېگەن شېئىر يېزىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ شېئىرىنى مۇنداق دەپ باشلىدى:
گۆدەكلىكتۇر بەلكى ئەقىل تولمىغان،
ئەل قاتارى مەنمۇ شۇندا يىغلىغان.
ئۆلۈمىگە قايغۇرساممۇ ھازا قىپ،
كىملىكىنى لېكىن ئىلغا قىلمىغان.
تەرىپلەتتى شۆھرىتىنى، شەنىنى،
‹خەلقلەرنىڭ داھىيسى› دەپ نامىنى.
شۇڭا، بەلكىم، دەۋران بولغان بۇ ئۆلۈم.
دەرت-ھەسرەتكە سالغان بارچە ئاممىنى.
ئەپسۇس، شۇنچە دىلكورلۇققا بېرىلىپ،
كېتىپتىمىز ئىلاھىدەك سىغىنىپ.
ئەمدى كېلىپ لەۋنى چىشلەپ يۈرىمىز،
ئۇ داھىنىڭ سىرى بىزگە ئېچىلىپ.
ھاكىم مۇتلەق تەختىدە ئۇ كېرىلىپ،
ئۆتكەن ئىكەن قولى قانغا مىلىنىپ.
مىليونلىغان ئەزىز جانلار بىگۇناھ،
قىرىلىپتۇ شۇندا قەتل قىلىنىپ.
تەقدىرىمىز ئېچىندۇرۇپ ھېلى مەن،
لەنەت ئوقۇپ نامىن تىلغا ئالىمەن.
ئىسىت-ئىسىت شۇ يىغامنى ئويلىسام،
ئۆز-ئۆزۈمدىن رەللە بولۇپ قالىمەن.»
ي. سابىتوف شۇ چاغدا س. ئىسكەندەروفنىڭ شائىرلىق تالانتىغا ناھايىتى مىننەتدار بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ستالىننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ساتقۇنلۇق سىياسىتى، كۆپلىگەن تارىخ سىرلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇردى: «بىزنىڭ 1944-يىلقى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىمىزغا ھە دەپ ياردەم بېرىپ، كېيىن ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىنى ياتلارغا، باسقۇنچىلارغا بېرىۋەتتى. ئىنقىلابنى يېرىم يولدا توختىتىپ، رەھبەرلىرىمىزنى يوقاتتى. مانا مۇشۇنىڭ ھەممىسىگە ستالىن ۋە شۇ باشقۇرغان سوۋېت ھۆكۈمىتى شۇنىڭغا جاۋابكار، شۇ توغرىلىق قورقماي ياز دېدىم. دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۇ شېئىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇدى:
پىچىلغانكەن تەقدىرىمىز باشتىلا،
ياۋغا ئۇنىڭ سۇنۇپ بەرگەن قولىدا.
يۈرۈپتىمىز چۆچۈرىنى خام ساناپ،
ئىستىقلالغا يېتىش تۇيۇق يولىدا.
شۇ ئېكەنغۇ دەخمىز بولۇپ ئەسلىدە،
مەدەت بەرگەن باسقۇنچىلار مەيلىگە.
كۆرۈنۈشتە ھېيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ،
پالتا چاپقان خەلقىمىزنىڭ بەختىگە.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قولىنى قىستىم-دە، يارايسەن، ئاكا، مانا بۇ شېئىرنى گېزىتقا تەييارلاۋەر دېدىم. بىر نەچچە شېئىرلىرى، شۇ جۈملىدىن مۇشۇ شېئىرى گېزىت بېتىدە بېرىلدى.»
ي. سابىتوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شۇ كۈنگىچە ستالىننىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان ئەسەرلەر تېخى يورۇق كۆرمىگەن بولۇپ، گېزىتخانىلار س. ئىسكەندەروفقا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز رازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا شائىرنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ 2004-يىلى «جازۇشىش نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن «دەردى يوق دەمسەن مېنى» دېگەن توپلامىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا باشقىمۇ ئاجايىپ شېئىر، باللادىلارنى، پۇبلىستىكىلىق ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەم شائىر، ھەم ئىنسان سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.