ئاتاقلىق شائىر ۋە مۇتەپەككۈر ئەلىشىر ناۋائى ئىجادىيىتى قازاقىستانلىق ئالىملار نەزىرىدە
2016.03.04

مەلۇمكى، بۇ يىلى بولۇپمۇ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان، بىر پۈتۈن ئەدەبىي جەرياننىڭ ئىلغار ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر ۋە مۇتەپەككۈر ئەلىشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 575 يىل تولدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئەمگەكلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتە ئىلمىي - تەتقىقات ئىشلىرى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ناۋائىنىڭ ئۆلمەس مىراسى ۋاسىلىي بارتولد، ۋاھىد زاھىدوف، ئىززەت سۇلتان، ئېۋگېنىي بېرتېلس، ئالىم شارافىددىنوف، ئالېكساندىر سېميونوف ئوخشاش كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملار تەرىپىدىن ھەرتەرەپلىمە ئۆگىنىلگەن ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئە. ناۋائىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلىشىر ناۋائى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، ئومۇمەن تۈرك خەلقلىرى ئۈچۈن ئۈچۈن مىڭ يىللىقتىن ھالقىغان مۆجىزە. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى نىزامى، جامى، فۇزۇلى بىلەن بىر قاتاردىكى مەشھۇر بىر نامايەندە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 15 - ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ ياۋروپا، كافكاز، كىچىك ھەم مەركىزىي ئاسىيا خەلقلەر ئەدەبىياتىدا سېزىلەرلىك تەسىر قوزغىغان. ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجىسى، ئۇيغۇر كلاسسىسىزم سەنئىتىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ يېڭى زامان ئوسمانلى، ئۆزبېك، تاتار، تۈركمەن، ئالتۇن ئوردا كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تۈۋرۈكى، شۇنداقلا 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى قازاق كلاسسىسىزمىدىكى بىر كۆرۈنۈشى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسمەتۇللا مۇجىزى 19 - ئەسىردە " ئەلىشىر ناۋائى مۇزىكا - كۈي ۋە ناخشا ئىجادىيىتى بويىچە دۇنيادىكى چوڭ 7 - مۆجىزە" ياراتقان دەپ ئېيتقان. بۈگۈنكى كۆز قاراش بىلەن قارىغاندا، كۆپلىگەن تۈرك خەلقلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئاڭ قاتلىمىدىن تېخىچە ئۆتكۈزۈپ بولدى، دەپ ئېيتالمايمىز. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئۇنىڭ يېڭى بىر دىۋانى تېپىلىپ نەشردىن چىقتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدا ئەلىشىر ناۋائىنى تونۇشتا يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى.»
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئە. ناۋائى ھەجىمى ۋە ماۋزۇسى جەھەتتىن ئوتتۇزدىن ئوشۇق توپلام كىتابلارنى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر دۇنيانىڭ كۆپلىگەن كىتابخانىلىرىدا ساقلانماقتا. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتادىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى دىلشات رەيھانوف مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى شۇ دەۋىرلەردىن باشلاپ كۆپلىگەن نۇسخىلاردا كۆچۈرۈلۈپ، كىتابلار تەسنىف قىلىنىپ، قولدىن - قولغا تارقالغان. تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنىڭ كىتابخانا ۋە قىرائەتخانىلىرىدا ساقلانماقتا. مىسالغا، ھازىر بىرلا تاشكەنت شەھىرىدە ناۋائىنىڭ 24 ئەسىرىنىڭ 254 نۇسخىسى ساقلانماقتا. شۇلارنىڭ ئىچىدە ناۋائىنىڭ 18 ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن "كۈللىياتى" بار. ئۇ بولسا 1824 - ۋە 1830 - يىللىرى قەشقەردە ئابدۇرېھىم ئىبن مۇھەممەد فازىل قەشقەرى تۈزگەن ئەڭ چوڭ ۋە نادىر نۇسخىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ناۋائىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان شەھەرلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ، مىسالغا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ لوندون، ئوكسفورد، كېمبرىج، دۇبلىن، بېرلىن، ميۇنخېن، ۋېنا، پارىژ، رىم، ئۇپسالا، نيۇيورك، فىلادېفىيە، ئىستانبۇل، تېھران، كابۇل، قاھىرە، خايداراباد ئوخشاش شەھەرلىرىدە شەرق قوليازمىلىرى فوندلىرىدا كۆپلەپ ساقلانماقتا. 16 - ئەسىرنىڭ ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزىنىڭ "تارىخى رەشىدى" ناملىق تارىخىي ئەسىرىدە ناۋائى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ئامما مىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئەردى. ئاتاسى كىچىككىنە باخشى ئاتارلەر. رەسمىي بىر كىشى ئەردى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ تەخەللۇسى ناۋائىيتۇرۇر. تۈركىي شېئىرنى ئىلگىرى كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭدەك فەسىھ ۋە پۇر مەزمۇن ئۇل مەرتىبەدە ھەددىن ئەفزۇن نەزم سىلكىدە كەلتۈرمەبدۇر..." دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.»
د. رەيھانوف ناۋائى داستانلىرىدا ئاساسەن شەرق ئەدەبىياتىدا ئەنئەنە بولغان قەھرىمانلار ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، ناۋائى ئەسەرلىرىنىڭ بولۇپمۇ بۇ زېمىندا سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا بېرتېلس، مالوف قاتارلىق ئاتاقلىق رۇس ئالىملىرىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ يارقىن دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنى ناۋائىسىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ناۋائىنىڭ ئىجادىدىن ئاجرىتىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ تارىخىدا ھۆرمەتلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر شائىرلىرى ناۋائىنىڭ ئەدەبىي مىراسى بىلەن بەھىرلىنىپ، ئىلھاملىنىپ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازدى. بولۇپمۇ سەئىدى، رەشىدى، ھىرقەتى، سالاھى، ئەرشى، فۇتۇھى، نەۋبەتى، زەلىلى، ئۆمەر باقى، نىزارى، زىيائى، تۇردى غەرىبى، خۇشھال غەرىبى ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ناۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھلەپ، خەلق ئارىسىدا تەرغىپ قىلىشتا ئىنتايىن كۆپ خىزمەت قىلدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا سەبۇرى، نىزارى، زىيائى، غەرىبى، ئۆمەر باقىلار ناۋائىنىڭ "خەمسەسى" نى قىسقا، ئىخچام قىلىپ، ئۆز دەۋرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەپ چىقتى ۋە ئۇنى ناۋائى كۈيلىگەن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ ئاڭ سېزىمىغا يەتكۈزۈشتە خىزمەت قىلدى. ئەلىشىر ناۋائىنىڭ لىرىك مىراسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر مۇزىكا دۇردانىسى ھېسابلانغان "ئون ئىككى مۇقام" غەزنىسىدىمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئۆلمەس غەزەللىرىنى 16 - ئەسىردە ئابدۇرېشىدخان، ئاماننىساخان، قىدىرخان ياركەندى ئوخشاش ئۇلۇق ئەدىبلەر "ئون ئىككى مۇقام" تېكىستلىرىنى قايتىدىن رەتلىگەن ۋاقتىدا ھەر بىر مۇقام تېكىستىغا ناۋائىنىڭ ئەڭ مەزمۇنلۇق، نەپىس غەزەللىرىنى كىرگۈزگەن. بىلىمىزكى، ئۇنىڭ غەزەللىرىگە يېزىلغان ئاھاڭلار مۇشۇ كەمگىچە ياڭراپ كېلىۋاتىدۇ.»
ئە. ناۋائىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ئۆز ۋاقتىدا مۇرات ھەمرايېف، ساۋۇت موللاۋۇتوف، باتۇر ئەرشىدىنوف قاتارلىق قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى تەرىپىدىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە ئىلمىي ئەمگەكلەر يېزىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلىدۇ.