ئالماتادا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆگىنىش تارىخى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.04.11
ekrem-enwerof.jpg ئالماتادىكى شەرقشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم ئەكرەم ئەنۋەروف. (1948-2006)
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە شەرقشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم ئەكرەم ئەنۋەروفنىڭ «ئىنگلىز ۋە ھىند ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆگىنىش تارىخى (1812-1900)» ناملىق ئەمگىكى يورۇققا چىقتى.

بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەييارلىغان ھەم «ۋەلىباي ئاخۇن ئەۋلادلىرى تەشەببۇسكار گۇرۇپپىسى»نىڭ ھامىيلىقىدا نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتاب ئالىمنىڭ 1992-يىلى ياقلىغان شۇ ناملىق ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەندۇر.

ئە. ئەنۋەروف 1948-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئۈچ سىنىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى 1959-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىككى يىل ھەربىي خىزمەتتە بولدى، ئاندىن 1973- ۋە 1978-يىللىرى شۇ ۋاقىتتىكى لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى م. لومونوسوف نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ سانسكرىت، ھىند، ئىنگلىز تىللىرىنى شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ چىقتى. ئوقۇشنى تاماملاپ، ئالماتاغا قايتىپ كەلگەن ئە. ئەنۋەروف دەسلەپتە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ، ئېتنوگرافىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىدا، ئاندىن 1982-يىلدىن باشلاپ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، مەزكۇر بۆلۈم ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بولۇپ ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغاندا، شۇ ئىلىم دەرگاھىدا ئىشلىدى. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئۇ مالىك كېۋىروف، مۇنىر ئېرزىن، ئىلىياس يۈسۈپوف، داۋۇت ئىسىيېف، گېگىل ئىسقاقوف، رىسالەت كەرىموۋا، ئابلەت كامالوف قاتارلىق تارىخچىلار بىلەن يېقىندىن ئارىلاشتى. 1992-يىلى ئە. ئەنۋەروف كۆرنەكلىك رۇس تارىخچىسى سېرگېي كلياشتورنىي رەھبەرلىكىدە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سانكت-پېتېربۇرگتىكى بۆلۈمىدە ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلاپ چىقتى.

ئە. ئەنۋەروف 1996-يىلدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر قاتاردا ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قازاق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق ئارىلاشتى ھەم ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن پائالىيەتلەردە ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسەتتى. ئە. ئەنۋەروف 2006-يىلى 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئە. ئەنۋەروفقا ئوخشاش سانسكرىتنى، ھىند، ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى بىردەك بىلىدىغان ئالىملار قازاقىستاندا ئاز ئۇچرايتتى. تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئە. ئەنۋەروف ھىند-ياۋروپا تىللىرىدا يېزىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي يازما يادىكارلىقلار ھەم شۇنداقلا تۇرپاندا تېپىلغان قەدىمىي ئۇيغۇر قوليازمىلىرىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلىغان بولسىمۇ، ئامما ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشى بىلەن لېنىگرادتا ئىلمىي تەجرىبە توپلاش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولۇپ، ئە. ئەنۋەروف بۇ ئويىدىن قايتىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى تارىخىنى قەدىمىي ئۇيغۇر تېكىستلىرى ئاساسىدا ئۆگىنىش كۆپ ۋاقىتنى ھەم بۇ تېما ھەققىدە ماتېرىياللارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىنگلىز ۋە ھىند ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆگىنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئوخشاش يەنە بىر مۇھىم ماۋزۇ ئۈستىدە ئىش ئېلىپ بارغان.

كىتابتا كۆپلىگەن ئىنگلىز تىللىق مەنبەلەر ئاساسىدا مىر ئىززەت ئۇللا، ھاجى ئەھمەد شاخ، ئاكا-ئۇكا شلاگىنتۋېيتلار، مۇھەممەت ئەمىن، مۇھەممەد خەمىد، دۇگلاس فورسايت، ئىبراھىم خان، ئاشتون دىلكې قاتارلىق ئىنگلىز ۋە ھىند ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ كېلىش تارىخى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ ساياھەتلەر ئەنگلىيىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇستەملىكىلىك مەنپەئەتلىرى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە سودا پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئەنە شۇ ساياھەتچىلەر ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

كىتاب مۇقەددىمە، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىلىشى ۋە ئوست-ھىند كومپانىيىسى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنگلىز، ھىند ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشىنىڭ كۇلمىناتسىيىلىك باسقۇچى» ۋە «19-ئەسىرنىڭ 1880- ۋە 1890-يىللىرىدىكى ئىنگلىز ساياھەتچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى گېئو-سىياسىي قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشى» دېگەن ئۈچ بابتىن، خۇلاسە، مەنبەلەر ۋە ئەدەبىياتلار تىزىمىدىن ئىبارەت.

ئەكرەم ئەنۋەروفنىڭ «ئىنگلىز ۋە ھىند ساياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆگىنىش تارىخى (1812-1900)» كىتابى 19-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.