ئالماتادا تونۇلغان شائىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋانىڭ قازاق تىلىدىكى كىتابى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

25-ئاپرېلدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئىلھام» ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، شائىرە ۋە ئالىمە پاتىگۈل مەخسەتوۋانىڭ يېقىندا قازاق تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئۆزۈڭگە ئىشىنىمەن» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. تونۇلغان قازاق شائىرى دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف تەرجىمە قىلغان مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشتى. مۇراسىم رىياسەتچىسى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇشتا قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىتاب ئاپتورىنىڭ ئىجادىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى نامىدىن شائىر ئۇلۇقبېك ئىسدائۇلېت، ئىتتىپاق تەركىبىدىكى «ئان ئارىس» نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى قادىربېك قاناپىيان ئوغلى پ. مەخسەتوۋانى تەبرىكلەپ، قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر شائىرى ئاباي ھەيكەلچىسىنى سوغا قىلدى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا «بىنت» جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا، «يۇلتۇز» ژۇرنىلىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دىلدار مامىربايېۋا، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى خادىمى مۇختەرجان جۇماروف، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف، يازغۇچى ۋە دراماتۇرگلار دۈرنەم مەشۈروۋا ۋە ئاۋۇت مەسىموفلار پ. مەخسەتوۋا ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىگەن نەشرلەردە قازاق، رۇس تىللىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز مەشھۇر قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىمۇ پائالىيەت كۆرسىتىۋاتىمىز. مەسىلەن تېلمان نۇراخۇنوف بىلەن پاتىگۈل مەخسەتوۋا ئولجاس سۈلېيمېنوفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا، تۈركىيەدە تۈركىي تىللاردا چىققان توپلامدا ئېلان قىلدى. ئەدەبىي تەرجىمە بۇ، يازغۇچىلارنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئالتۇن كۆۋرۈك. تەرجىمە مىللەت بىلەن مىللەتنىڭ بېشىنى قوشىدىغان، بىر مىللەتنىڭ مىراسىنى ئىككىنچى مىللەتكە تونۇشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.»

پ. مەخسەتوۋا «ھايات ھەقىقىتى - ئىلھام مەنبەسى»، «ئوي تامچىلىرى» ئەدەبىي-تەنقىدىي ماقالىلەر توپلاملىرىنىڭ، «مەن مۇھەببەت قۇچىقىدا»، «دىيانەت»، «سىرلىق ئالەم بۇ...»، «يۈرەكتىن تۆكۈلگەن ياش»، «كۈنلۈك تۇتقان كۈنچىلەر»، «سېغىنىش مۇڭى»، بالىلارغا بېغىشلانغان «سىلەر بىلەن قالسام...»، «ھەر قايسىدا بار خىسلەت»، «بىللە بارغىن باغلارغا»، «كىچىك دوستلارغا» شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «پەرۋاز»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «يۇلتۇز»، «پروستور»، «ئىنتىزار»، «ئېھسان»، «مەرىپەت»، «ئىزدېنىس»، «ۋېستنىك» ئوخشاش ژۇرناللاردا، «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ئاسىيا بۈگۈن»، «ئەدېبىئېت ئايدىنى»، «ژېتىسۇ» قاتارلىق گېزىتلەردە، «ئانىلار ئاۋازى»، «ۋەسىيەت»، «ياشلار ئاۋازى»، «شېئىرىيەت گۈلزارى»، «قازاقىستان - مېنىڭ ۋەتىنىم» كوللېكتىپلىق توپلاملىرىدا ئۈزلۈكسىز بېسىلىپ تۇردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئاۋۇت مەسىموف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خېلى ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭغا، مەسىلەن، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ، شۇنداقلا پاتىگۈل مەخسەتوۋا ئەسەرلىرىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنىڭ «ئۆزۈڭگە ئىشىنىمەن» نامى بىلەن ئالاھىدە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىشىنىڭ يارقىن ئىسپاتى بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئەدىبنىڭ باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ كۆپ ساھەلىك پائالىيىتى بىلەن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «پاتىگۈل ئەدەبىياتىمىزدا شېئىرىيەتنى گۈللەندۈرۈۋاتقان بولسا، سەنئەت ساھەسىدە ئۇيغۇر تىياتىرىغا كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىنى كۆرسىتىش بويىچە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ يۈزدىن ئوشۇق ناخشىلارنىڭ ئاپتورى. پاتىگۈل بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭمۇ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭ مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىكلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇش. مۇنداق كۆپ ساھەلىك ئالىمە ئارىمىزدا كەمدىن كەم دەپ ھېسابلايمەن. پاتىگۈل قىيىن، لېكىن شەرەپلىك بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتىشقا بولىدۇ.»

ئا. مەسىموف تەرجىمە ئىجادىيىتىنىڭ بولۇپمۇ قازاق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي دوستلۇقىنى، ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ ئىناقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا پ. مەخسەتوۋانىڭمۇ تۆھپىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.