12-ئاپرېلدىن 15-ئاپرېلغىچە بولغان تۆت كۈن جەريانىدا ئالماتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك تەنھەرىكەت مەكتىپىدە ياش بوكسچىلارنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ 1999- ۋە 2000-يىللاردا تۇغۇلغان تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشتى. 5-قېتىملىق مەزكۇر مۇسابىقە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى ئامالبېك تشانوف مۇكاپاتلىرى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن قازاقىستاننىڭ داڭلىق بوكسچىلىرى جاقسىلىق ئۇشكېمپىروف، يېرماخان ئىبرايىموف ۋە باشقىلار مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ياشلار ئارىسىدا تەنھەرىكەتنىڭ بوكس تۈرىنى تەشۋىق قىلىشنى، بۇ ساھەدە باشقىمۇ مەملىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ھەم ياش بوكس ماھىرلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشنى كۆزلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بارلىق قاتناشقۇچىلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
تۆت كۈنگە سوزۇلغان مۇسابىقىدە ھەر خىل سالماقلاردا قازاقىستاننىڭ 11 ۋىلايىتى ۋە شۇنداقلا بەش چەت دۆلەتتىن بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق بوكسچى قاتناشتى.
قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە ئاياللار كوماندىسىنىڭ باشلىقى، بوكس ماھىرى زاكىر ئابدۇقادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا ياشلار ئارا بوكسقا ئالاھىدە دىققەت بېرىلمەكتە. يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى مېڭگېرېي خايرۇتدىنوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ئوتتۇرا ئاسىيە جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەنھەرىكەتچىلىرى پات-پات قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ مۇسابىقىلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياش بوكسچىلىرى ئالاھىدە كۆزگە چۈشمەكتە. ز. ئابدۇقادىروف بۇ جەھەتتە مەمەت تۇرسۇن، ئابدۇرېشىت رەھمىتۇللا، زۇلپىقار مەھەممەتەلى، ئابدۇرېھىم ئىبراھىم، قۇربانجان چوڭ قاتارلىق بوكسچىلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
زاكىر ئابدۇقادىروف ئون بەش يىلدىن بۇيان بوكس بىلەن شۇغۇللىنىپ، قازاقىستان چېمپىيونى ئاتالغان، خەلقئارا مۇسابىقىلەرگىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ كېيىنكى يىللاردا بولسا، بوكس بويىچە رېفېرلىق ۋە ترېنېرلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇيۇشۇتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىن، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇشۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلار قازىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ش ئۇ ئا ر نىڭ بوكسنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئابلىكىم ئاكىمىز بوكسقا قاتتىق قىزىقاتتى. ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇ پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە ياخشى بالىلارنى تاللاپ، ئۈرۈمچىگە يىغىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇردى. ئۇ ئۆزى تەربىيىلىگەن ئابدۇشۈكۈر بىر نەچچە قېتىم خىتاي ۋە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان. ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۆزىنىڭ شاگىرتى چىقتى. بۇ، ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا ئىككى قېتىم قاتناشقان مەمەت تۇرسۇندۇر».
زاكىر ئابدۇقادىروف ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان بوكسچىلاردىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىبراھىم مامۇت 64 كىلوگراملىقلار بويىچە 2-ئورۇننى، مەمەت مەردان 81 كىلوگراملىقلار بويىچە 2-ئورۇننى، خالمۇرات رەھمان 75 كىلوگراملىقلار بويىچە 3-ئورۇننى ئىگىلىگەن.
بوكس قازاقىستاندا كۆپ قىزىقىش قوزغاۋاتقان تەن-ھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا سېرىك قوناقبايېف، ۋاسىلىي جىروف، يېرماخان ئىبراھىموف، سېرىك ساپىيېف، گېننادىي گولوفكىن قاتارلىق داڭلىق بوكس ماھىرلىرى يېتىشىپ چىققان. ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت دەۋرىدە بۇ ساھەدە قازاقىستاننى دەسلەپ دۇنياغا تونۇتقانلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفتۇر. ئۇ ھازىر دەم ئېلىشتا. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىدىن بوكس بويىچە كۆزگە كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان دىلمۇرات مىجىتوف بىلەن رەنا پەرھاتوۋادۇر. ئۇلار يېقىندا قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە تاللانما كوماندىسىغا ئېلىنغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى بوكس بويىچە باش ترېنېرلارنىڭ بىرى دولقۇن كامېكوف ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلاردىن تاشقىرى يېتىلىپ چىقىۋاتقان ياش بوكسچىلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ياش ئۆسمۈرلەردىن ئاگېزوف شاخمۇرات 2002-يىلى تۇغۇلغان، تاشمۇھەممەتوف ئەلغاپپار ئالماتا شەھىرى بويىچە چېمپىيون بولدى. چوڭ ترېنېرلاردىن خەمىت بەرايېف تەنھەرىكەت ئاكادېمىيەسىدە ترېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەمدى تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ چىققانلاردىن ئىدىللايېف ئىمەرجان، شاھابباس غەنېكوف ۋە باشقىلار تەنھەرىكەت مەكتەپلىرىدە ھە، شەخسىي كۇلۇبلاردا ئىشلەۋاتىدۇ».
دولقۇن كامېكوف كېلەچەكتە ياش ئۇيغۇر بوكسچىلىرىنىڭ يەنىمۇ تەربىيىلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە تەشۋىق ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.