ئالماتادا كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئىسايېفنىڭ 80 ياشلىقى تەبرىكلەندى

0:00 / 0:00

30-يانۋاردا ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە كۆرنەكلىك كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئىسايېفنىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇت ئۆتكۈزۈلدى.

گىمنازىيە كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكەن مەزكۇر تەنتەنىگە زىيالىيلار، ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار، تەۋەللۇت ئېگىسىنىڭ يۇرتداشلىرى، شاگىرتلىرى، سەنئەتكارلار قاتناشتى. ئۇ گىمنازىيە خور ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلىشىدا شائىر مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ سۆزى، ئى. ئىسايېفنىڭ مۇزىكىسىغا يېزىلغان «ئانا تىلىم» ناخشىسى بىلەن باشلاندى.

سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئېمېلىيان ھوشۇروف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى ئۆكتەبىر جامالدىنوف ۋە رابىك ئىسمايىلوف، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پاتىگۈل مەخسەتوۋا، قازاق رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار رېداكسىيەسى خادىمى گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئى. ئىسايېفنىڭ يۇرتداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، كەسىپداشلىرى ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى. گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف بولسا، مىللىي سەنئەتكە، مائارىپقا قوشقان بىباھا تۆھپىسى ئۈچۈن ئى. ئىسايېفنى «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى نامىدىن «ئەل پەخرى» مېدالى بىلەن تەقدىرلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ ناخشا پېنى مۇئەللىمى نادىيەم رېمباكىيېۋا ئى. ئىسايېف ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئىسمائىل ئاكامنى سىرتتىن بىلەتتىم. شۇ يىللىرى «پەرۋاز» ژۇرنالىغا ئىسمائىل ئاكىنىڭ «قوچىقىم»، سېلىماخۇن ئاكىنىڭ «كەپتىرىم» ناخشىلىرى چىققاندا بىز ناھايىتى خۇشال بولغان. مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى ئىسمائىل ئاكا بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ نوتىلىرىنى ئېلىپ، بالىلارغا ئۆگىتىشنى باشلىدۇق. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ناخشىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بالىلارغا يادلاۋېلىشقا ئوڭاي مەتىنلەرنى تاللاۋالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىمۇ بالىلار ئۈچۈن ئوڭاي.»

كۆرنەكلىك كومپوزىتور، ئۇستاز ئى. ئىسايېفنىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان تەنتەنە داۋامىدا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە تونۇلغان ناخشىچىلار نۇرالىم ۋارىسوف، دىلبەر بۇرھانوۋا، ئابلەھەت ئىسلاموفنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كونسېرت پروگراممىسى ۋە «سىرلىق سېزىم» فىلىمىدىن ئۈزۈندى كۆرسىتىلدى.

ئىسمايىلجان ئىسايېف 1936-يىلى ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1954-يىلى 7-سىنىپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1958-يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنىڭ خەلق ئەسۋابلىرى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشىدۇ. 1958-ۋە 1960-يىللار ئارىلىقىدا ئى. ئىسايېف شۇ ئوقۇش ئورنىدا ئۇستازلىق قىلغان. ئۆز بىلىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۇ 1968-يىلى قۇرمانغازى نامىدىكى كونسېرۋاتورىيەنىڭ ئىككى يىللىق كومپوزىتورلارنى تەييارلاش كۇرسىنى تاماملايدۇ. ئى. ئىسايېفنىڭ كەسپىي كومپوزىتور دەرىجىسىگە يېتىشىدە، بولۇپمۇ ئاتاقلىق كومپوزىتور، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستان خەلق ئارتىسى قۇددۇس غوجامياروف مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئى. ئىسايېف پەقەت مۇزىكا ۋە ناخشا يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۇستازلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 1968-ۋە 1975-يىللىرى ئۇ ئالماتا شەھىرىنىڭ ھازىر ئۆزى تۇرۇۋاتقان دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپتە مۇزىكا مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىدى. بۇ جەھەتتە ئى. ئىسايېف بالىلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىدۇ. ئۇ 1973-يىلدىن باشلاپ قازاق رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيىسىدە ئاۋاز رېژىسسورى، مۇزىكا مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىدى.

ئى. ئىسايېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكىغا قىزىقىشىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا كىمنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا چۈشۈشۈمنىڭ بىر سەۋەبى، ئۇرۇش ۋاقتىدا قىشنىڭ كۈنلىرى ئاپىمىز بىزنى كاڭغا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتاتتى. مەن ئاپامدىن يەنە ئېيتىپ بەرگىنە، دەپ سوراتتىم. ئاپام مېنى مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ، يەنە ئېيتىپ بېرەتتى. مەن ئۇنى تىڭشاپ، ھۆزۈرلىناتتىم. بىرىنچى ناخشامنى ئىلىيا بەختىيانىڭ «گۈلخان» دېگەن شېئىرىغا يازغان ئىدىم.»

ئى. ئىسايېف كۆپلىگەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنىڭ، شۇنداقلا زىيا سەمەدىنىڭ «لاشمان»، جامالىدىن بوساقوفنىڭ «قاينام»، ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ «كۆچكەن يۇلتۇز»، «چىن تۆمۈر باتۇر»، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «مۇقامچىلار»، تۇرغان توختەموفنىڭ «ئاق يېغىن»، قۇرۋانجان مەڭسۈروفنىڭ «ئۆمەر مۇھەممەدىي» سەھنە ئەسەرلىرىگە يېزىلغان مۇزىكىلارنىڭ ئاپتورىدۇر. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ 1997-يىلى مۇزىكا بويىچە دەرسلىكلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن مۇزىكا پېنىدىن ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاشتا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئوتتۇزغا يېقىن ناخشىلىرى مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى. ئى. ئىسايېف 1998-يىلدىن باشلاپ شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى. ھازىرمۇ ئۇ بالىلارغا بېغىشلانغان مۇزىكىلارنى ئىجات قىلىش ئۈستىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.