مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-ۋە 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر توپ تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ كۆچۈپ چىقىشى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى.
ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى دېگۈدەك بېيىتتى ۋە گۈللەندۈردى. شۇلارنىڭ بىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ 80-باھارىنى قارشى ئالماقتا.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇماقچى قۇتلۇق ئاخۇنامنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ غۇلجا مەدرىسىسىنىڭ بەيتۇللا مەسچىتىدە ئېچىلغان دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاندىن پەننىي مەكتەپكە يۆتكەلگەن ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. شائىر 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى. 1958-يىلى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىستىل تۈزىتىش سىياسىتى باشلانغاندا، كۆپىنچە سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتناشتى. شۇ يىللىرى باشقىلار قاتارىدا ئا. قۇتلۇقوفقىمۇ مىللەتچى دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، تۆمۈر يوللاردا، ئۈرۈمچى ياشلار ئۆستىڭىنى قېزىشتا، ئومىلاردا قاتتىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى. ئۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە قارادۆڭ مەھەللىسى 9-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. شۇ چاغلاردا ئەلدە ئەۋج ئالغان ئومۇميۈزلۈك تەرىپلەشلەر ئۇنى 1962-يىلى 29-مايدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. دەسلەپتە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق «سوتسىيالىستىك قازاقىستان» ئىگىلىكىدە ئەمگەك قىلدى. ئۇ 1965-يىلدىن باشلاپ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات مۇئەللىمى، ئاندىن 1969-يىلدىن باشلاپ تا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە جۇمھۇرىيەتلىك «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلىدى.
ئا. قۇتلۇقوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنە شۇ يىللارنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «1969-يىلى كەچ كۈزدە ‹يېڭى ھايات› گېزىتى تەستىقلاندى. 1970-يىلى 1-يانۋاردا گېزىت يورۇق كۆردى. شۇنىڭدا مەن دەسلەپكى نۆۋەتچى بولغان ئىدىم.
مېنىڭ ئاڭلىق ئوتتۇز يىلغا يېقىن ھاياتىم خەلقنى تەربىيىلەش، تەشۋىقات قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلاندى. مېنىڭ يولۇمنى رىزۋانگۈل توغرىلىق يازغان «ئۇيغۇر قىزى» دېگەن داستانىم ئاچقان بولسا، «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات» گېزىتلىرى ماڭا قوش قانات پۈتتى. مەن ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاق ئېلىغا چىققاندا، بىر قۇر شېئىرىم مەتبۇئاتتا چىقارمۇ دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. مەن شۇ ئارزۇيۇمغا يەتتىم.»
ئا. قۇتلۇقوفنىڭ ئىجادىيىتى ئانىلارغا بېغىشلانغان «تويۇڭغا» دېگەن شېئىردىن باشلانغان بولۇپ، كېيىنكى ئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تارىم» ژۇرناللىرىدا، «ئىلى گېزىتى» دە يورۇق كۆردى. ئۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، تا ھازىرغا قەدەر 15كە يېقىن ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشر قىلدى. دەسلەپتە «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» داستانلار توپلىمى، ئاندىن «يار ۋە دىيار»، «گۈل ۋە كۆڭۈل»، «جەسۇر جانلار»، «ساداقەت سەتىرلىرى»، «قىران قىسمىتى»، «ئۇيغۇرىستان» ناملىق داستان، باللادا، شېئىرلار توپلاملىرى كەڭ كىتابخانلار ئاممىسىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى. ئەدىبنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەمگەكلىرى رۇس، قازاق، ئۆزبېك، قاراقالپاق، قىرغىز تىللىرىدىمۇ يورۇق كۆردى. ئا. قۇتلۇقوف 1974-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
ئا. قۇتلۇقوف ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خەق يازغاننى ئەمەس، يېڭىلىق ئېچىشتا كۆپرەك باش قاتۇردۇم. مەسىلەن، بىزدە شېئىرىيەتتە ئونلۇق دېگەن ژانىر يوق ئىدى. مەن شۇنىڭغا كۆپرەك كۈچ چىقاردىم. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا باللادا ناھايىتى كەمدىن كەم. مەن شۇنىڭغا قىزىقىپ، نەتىجىدە يۈزدىن كۆپ باللادا يازدىم. شۇنداقلا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان داستانچىلىقتا يىگىرمىگە يېقىن داستان يازدىم.»
ئەدىب بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغان رەھىم روزىيېف، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، ئابلىز ھېزىموف، دولقۇن ياسېنوف، مۆمىن ھەمرايېف، ساۋۇتجان ئىسكەندەروف قاتارلىق تالانتلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ھازىرمۇ شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان جەمشىت روزاخۇنوف، مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف، تېلمان نۇراخۇنوف، پاتىگۈل مەخسەتوۋا ئوخشاش شائىرلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم ھەۋەس بىلەنلا ئەمەس، ئىشق بىلەن كىرگەن، ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان بۇ سەپتە بىر قۇر شېئىر يازساممۇ، جاۋابكارلىق بىلەن قاراشنى ئۆزۈمگە چوڭ بۇرچ دەپ قارايمەن. دۇنيادا ھەممىدىن شائىر بولۇش تەس. شائىر ھەق گەپنى ئېيتىش ئۈچۈنلا يارالغان.»
مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئا. قۇتلۇقوفنىڭ ئەسەرلىرى دائىم ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ئا. قۇتلۇقوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن ياشلىق دەۋرى ئۇنىڭ ھەقىقىي شائىر بولۇپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «ئا. قۇتلۇقوفنىڭ ياشلىق دەۋرى ئانا دىيارىمىزدا ئۆتتى. شۇ ياقتا ئوقۇدى، شۇ دەۋرنىڭ روھى بىلەن ياشىدى. بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن ئاداققى قېنى قالغۇچە كۈرەشكەن دەۋر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوخشاش ناھايىتى مىللەتپەرۋەر شەخسلىرىمىزنىڭ دەۋرى ئىدى. ئۇ كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستانغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇردى.»
ئا. ھەمرايېفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنە شۇ يىللىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىستىك ئىدىيە كۈچەيگەن بىر دەۋردە ئا. قۇتلۇقوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈل ھەققىدە داستان يېزىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە سادىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىغان. شائىر ئۆزىنىڭ باشقىمۇ ئەسەرلىرىدە بۇ ئىدىيىنى ئەكس ئېتىشكە تىرىشقان. ئالىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ھەممىنى ئىگىلەيمىز دېگەن بىر پەيتتە، ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭ ‹ئويناشمىغىن تەبىئەت بىلەن› دېگەن شېئىرىي كىتابى مەيدانغا چىقتى. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: ‹ ئويناشمىغىن تەبىئەت بىلەن، ئەقلىڭ بولسا، ئويناشما ھەرگىز. ئۇ ئويناشسا، سەن بىلەن مەندىن، بۇ دۇنيادا قالمىغاي بىر ئىز. ئۇ ئويناشسا كۆز يېشىمىزدىن پەيدا بولار شورلۇق بىر دېڭىز.› شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قارشى پىكىر دولقۇنلىرى پەيدا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر ئاكىنى كوممۇنىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئېلىش جەريانى بولغان. لېكىن ئۇ ئۆز يولىدا ماڭدى. خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئاساسىي ماۋزۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.»
ئا. ھەمرايېف قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، بۇ يەردە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، سىياسىي تېمىلارنىڭ مەيدانغا چىققانلىقىنى، شۇنداقلا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىلىرى يولغا قويۇلۇپ، كۆپلىگەن ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ باشقىلار قاتارىدا ئا. قۇتلۇقوفنىڭمۇ ئۆز تەجرىبىسى، ئەقىل-پاراسىتى، سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.