16-نويابىردا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ بىرى قاراتورۇقتىكى «ۋارىس» كافېيخانىسىدا قازاقىستان خەلق ئارتىسى مەريەم سېمەتوۋانىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتتى. مەزكۇر يېزىدا تۇغۇلۇپ، ھازىر دۇنياغا مەشھۇر قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ھۈلىنى قۇرۇشقا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان م. سېمەتوۋانى خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا، يېزىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
م. سېمەتوۋانىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە يېزىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، م. سېمەتوۋانىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىلا سەھنە سەنئىتىگە قىزىقىپ، دەسلەپتىلا «يېتىم بالا» ناملىق سەھنە ئەسىرىدە يىتىمنىڭ رولىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوينىغانلىقىنى، ئاندىن، يەنى 1935-يىلى ئالماتا پېداگوگىكا مەكتىپىدە بىلىم ئېلىپ، 1937-يىلى ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى ستۇدىيەگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، م. سېمەتوۋا خېلىچەم ئىلىيېۋا، جالال ئاسىموف، ئابدۇلھەي سادىروف ئوخشاش ئاتاقلىق سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە گوگول، ئىۋانوۋا، ئەينى، ھەمزە، پوپوف ۋە باشقىمۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى روللارنى ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرغان ئىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان خەلق ئارتىسى زىننەت ئەكبەروۋانىڭ قارىشىچە، م. سېمەتوۋا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ يورۇق يۇلتۇزى بولۇپ، ئۇنىڭ تەكرارلانماس تالانتقا ئىگە بولغانلىقىنى، ئاز ۋاقىت ھايات كەچۈرسىمۇ، كۆپلىگەن روللارنى ئويناپ، تاماشىبىنلارنىڭ سۆيۈملۈك ئارتىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەريەم ھەدىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر يوق ئىدى. مەن سەھنىدە مەريەم ھەدە بىلەن بىرلىكتە ئوينىدىم، ‹ئانارخان› دا مەن ئانارخان بولدۇم، مەريەم ھەدە مېنىڭ ئاپام گۈلزارە بولدى. ئۇ ئاتمىشقىمۇ كىرمەي ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك دەيمەن، چۈنكى، ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئويناش ئەمەس، يېقىن بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئىدى. ئۆزى ناھايىتى يېقىملىق، كۆيۈمچان، ياشلارغا ياخشى تەلىم بېرەتتى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، م. سېمەتوۋا ئۆز ۋاقتىدا «غېرىپ-سەنەم»، «ئۇنىڭ دوستلىرى»، «باي ۋە باتراق»، «نۇرخان»، «تاھىر-زۇھرا»، «ئالجىر -مېنىڭ ۋەتىنىم»، «مالىنوۋكىدىكى توي»، «قوزا كۆرپېش-بايان سۇلۇ» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەھنە ئەسەرلەردە ھەر خىل روللارنى ئويناپ كەلگەن تالانتلىق ئارتىستۇر.
ز. ئەكبەروۋا م. سېمەتوۋا بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەنلىكى ئەسلىدى.
مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قاراتورۇق يېزىسىنىڭ ھاكىمى ئېرمېك سامسىبېكوف، ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بېكخوجا، شۇنداقلا يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، پېشقەدەم ئۇستازلار ۋە باشقىلار م. سېمەتوۋانىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە، ئومۇمەن قازاقىستان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاتاپ ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۆز ۋاقتىدا قاراتورۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان، ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان پېشقەدەم ئۇستاز قاسىم ئىسمايىلوفنىڭ پىكرىچە، م. سېمەتوۋا پەقەت ئارتىسلا ئەمەس، بەلكى جامائەت ئەربابى دېگەن يۇقىرى ئاتاققىمۇ مۇيەسسەر بولالىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتىدۇر. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قاراتورۇق يۇرتىدىن ئونلىغان ئالىملارنىڭ، سەنئەتكارلارنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «م. سېمەتوۋا كىچىكىدىنلا روللارنى ئورۇنلاپ، ناخشا ئېيتىپ، خەلقنىڭ كۆزىگە چۈشكەن. ئۇ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئاساسىنى سالغان ئىدى. مەرھۇم ھەدىمىز تىياتىرغا پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئەسىرگە يەتكۈدەك ئەمگىكى بار، ئەلۋەتتە. م. سېمەتوۋا يۇرتىدا ئۇنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىنى نىشانلىدۇق.»
ئۇ، مەكتەپ مۇئەللىملىرى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ م. سېمەتوۋا ھاياتىدىن ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلىپ، خەلقنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن دائىم پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ق. ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، م. سېمەتوۋا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن 1954-يىلى «قازاقىستان خەلق ئارتىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان شۇنداقلا قازاقىستان ئالىي كېڭىشىگە ئىككى قېتىم ئەزا بولۇپ، خەلق خىزمىتىدە بولغان تۇنجى ئارتىستۇر. م. سېمەتوۋا قازاقىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ھۆرمەت يارلىقى ۋە بىر نەچچە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ھازىر قاراتورۇقتىكى كوچىلارنى بىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ.
م. سېمەتوۋا 1967-يىلى 9-نويابىردا 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.