يېقىندا قازاقىستاندا «مۇستەقىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق مەخسۇس ماقالىلەر توپلىمى نەشردىن چىقتى. توپلامنىڭ نەشر قىلىنىشىغا قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى كۈچ چىقارغان. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن تەتقىقاتچىلار مەزكۇر توپلامنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئون باسما تاۋاقتىن ئوشۇق ھەجىمدىكى بۇ كىتابقا قازاقىستانلىق ۋە تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا، پويېزىيە، دراماتورگىيە، پۇبلىستىكا ساھەلىرىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئەتراپىدا مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
كىتابقا كىرگەن ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ باشقىمۇ خەلقلەر ئۈچۈن مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغىمۇ قوشۇلغان مۇناسىپ تۆھپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مەسىلەن، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، مىللىي پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئۇئەلىخان قالىجان توپلامدىن ئورۇن ئالغان ئۆزىنىڭ «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «قازاقىستان مۇستەقىللىقى يىللىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، قورشىغان مۇھىتنى تارىخىي ھەقىقەت ئەھۋالىدا يېڭىچە تەسۋىرلەش يۆنىلىشى ئورۇن ئېلىپ، بۇرۇنقى سىياسىي ۋە دىنىي ئىدىيىلىك چەكلىمىلەرگە قارشى پىكىرلەر بىلدۈرۈلدى. يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي قىممىتى ۋە ساپاسى تەنقىدىي كۆز قاراشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولدى. مۇستەقىل قازاقىستاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر بىلەن قەبىلىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەۋقەسى بار، تەرەققىيات جەريانى راۋاجلانغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئورۇن تاپتى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ۋە كۆركەم روھىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلدى. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىي مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئېچىشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتىلىشى يېڭى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باش ۋەزىپىسىگە ئايلاندى.»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا «مۇستەقىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن بۇ كىتابقا كىرگەن ئاپتورلار ۋە كىتابنىڭ قازاقىستاندىكى ئەھمىيىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بۇ توپلامدا ئاساسەن ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى خادىملىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا بىر قاتار ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئالىملىرىنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ئەمگەك، مەن ئويلايمەنكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ھەم ئۇنىڭغا تەتقىقاتچىلارنىڭ بولغان كۆز قارىشى، بولۇپمۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ھەققىدە ئوي - پىكىرلەر، مۇلاھىزىلەر بويىچە باي مەلۇماتلارنى ئېلىشقا بولىدۇ. يەنە بىر ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە، بۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشىغا چوڭ ئۈلۈش قوشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
كىتابتا شۇنداقلا نۇردەئۇلېت ئاقىشنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جانكۆيەرلىرى»، سېرك قوراباينىڭ «يېڭى تەرەققىيات يولىدىكى ئەدەبىيات»، گۈلجاھان ئوردىنىڭ «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئايسۇن دېمىرېز گيۇنېرىنىڭ «ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 100 يىل»، پاتىگۈل مەقسەتوۋانىڭ «قازاقىستان مۇستەقىللىقى ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇر پوئىزىيىسىدىكى ئورنى» قاتارلىق كۆپلىگەن ماۋزۇلاردىكى ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.
خالمىنەم مەسىموۋا يەنە قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى يۈرگۈزۈۋاتقان تەتقىقاتلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ بولۇپمۇ ئاخىرقى 20 - 30 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى بەدىئىي ئالاھىدىلىكلەر، شۇنداقلا قازاق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي دوستلۇقى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا. ھازىر مەزكۇر ئىنستىتۇت خادىملىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندىكى باشقىمۇ مىللەتلەر ئەدەبىياتلىرى ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى كۆرسىتىدىغان ئىلمىي لايىھىلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بىزگە ياخشى مەلۇم.»
0:00 / 0:00
