0:00 / 0:00
ھازىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالماتادا «ئاخبارات»، «غۇنچە»، «ئىرادە life»، «ئۇيغۇر - pen» قاتارلىق ژۇرناللار نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن قىزىقارلىق ماتېرىياللار ئېلان قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا چىقىۋاتقان بۇ نەشرلەر ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنماقتا.
يېقىندا «ئۇيغۇر - pen» جۇمھۇرىيەتلىك ئەدەبىي - بەدىئىي ژۇرنىلىنىڭ ئىككىنچى سانى نەشر قىلىندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى.
