ئالماتادا «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇققا چىقتى


يېقىندا ئالماتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر» جۇمھۇرىيەتلىك ئەدەبىي - بەدىئىي ژۇرنىلىنىڭ ئالتىنچى سانى يورۇققا چىقتى. مەزكۇر ساندا ئاتاقلىق تارىخچى ۋە يازغۇچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» نامىلىق كىتابىدىن پارچە، يەنى ئۇنىڭ «كۆل بىلگە قاراخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن قىسمى، شائىر قۇربان ئىمىننىڭ «بوۋاق»، «تاغ سۈيى»، «مەكىتكە زىيارەت»، «ئىلى دەرياسى» ناملىق ئەسەرلىرى، قازاقىستانلىق كۆرنەكلىك ئۇيغۇر يازغۇچىسى جامالدىن بوساقوفنىڭ «كۆچ - كۆچ» رومانىدىن ئۈزۈندە، مەھەممەتجان جانباقىيېفنىڭ شائىر ئىلاخۇن ھوشۇروف، ئۆزبەكىستانلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم پەرھات ھەمرايېفنىڭ ئەدىپ ھېزىم ئىسكەندەروف ۋە رەسسام تالغات مىررەھىموفلار ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى، يازغۇچى ئىسرايىل ئىبراھىموفنىڭ «ئۇخلاۋاتقان بالا ئۈچۈن سوناتا» ناملىق نەسرى ئەسىرى، ياش ئىجاتكار ماھارەت ئىمىروۋانىڭ «بويداقنىڭ ئۆلۈمى» ھېكايىسى ئورۇن ئالغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى يىل بولدى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ زىيالىيلار «ئۇيغۇر پەن» دېگەن ژۇرنالنى ئوقۇشقا باشلىدى. 2014 - يىلدىن باشلاپ مۇشۇ قازاقىستاندا ياشىغۇچى قەلەم قۇلۇبنىڭ ۋەكىللىرى، ئەزالىرى شۇنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى خەمىت ھەمرايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر» دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ، پەسىللىك خاراكتېرغا ئىگە بولدى، يەنى يىلىغا تۆرت قېتىم نەشر قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى. مانا، ھازىرچە، ژۇرنالنىڭ ئالتە سانى يورۇققا چىقتى. خ. ھەمرايېف ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ ژۇرنالغا كۈچ چىقىرىۋاتقان قەلەم قۇلۇبنىڭ ئەزالىرى ناھايىتى ياخشى ئىشنى قولغا ئالدى، دەپ ئويلايمەن. بىرىنچىدىن، بىزنىڭ باي ئەدەبىياتىمىزنى ئەنە شۇ يازما ئەدەبىياتىمىزدىن باشلاپ مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىمىزنى قايتىدىن يەنە ئۆز جامائىتىمىزگە، ئۆز كىتابخانىلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەقەت ئەدەبىياتنىلا نەزەردە تۇتماي، مۇشۇ كېيىنكى ئون - ئون بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رەسساملىرى چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. مۇشۇنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ژۇرنال ئۆزىنىڭ ھەر بىر سانىدا مۇقاۋىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرىقى بېتىدە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى رەڭلىك ھالدا بېرىۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش. بىزنىڭ رەسساملىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىنى تەشۋىق قىلىش مەسىلىسىدە ژۇرنال چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ.»

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بولۇپمۇ كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ۋە باي مەدەنىي مىراسقا ئىگە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرغىپ قىلىشقا چوڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە. بىلىم ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىدىغان مەكتەپلەر ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ئوقۇش قوراللىرىدا، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىت ۋە ژۇرناللاردا كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ يارقىن ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈزلۈكسىز بېرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆز تارىخىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىش، تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئاسراش سېزىملىرىنى تەربىيىلەيدۇ. ر. ئىسمايىلوف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى:«ئەمدى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىزكى، بىزنىڭ كلاسسىك، يەنى يازما ئەدەبىياتىمىز ناھايىتى باي. مانا مۇشۇ ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىغا بىزنىڭ باي مىراسىمىزدىن قانداقلا بولمىسۇن شەرتلىك رەۋىشتە بىرەر يازغۇچى، مەيلى ماھمۇت قەشقەرى بولسۇن، مەيلى يۈسۈپ خاس ھاجىب بولسۇن، ياكى نىزارى، نەۋبەتى، زەلىلى بولسۇن، شۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن، بەزىلىرىنىڭ تولۇق ئىجادىيىتىنى، بەزىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنماقتا. ئەلۋەتتە، ژۇرنالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇشۇ قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا، ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى بىلەن تونۇشتۇرۇش. بۇنى ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدا كۆرۈشكە بولىدۇ.»