28-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان «ماھىنۇر» رېستورانىدا «ۋارىس» ياشلار ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەم «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى»نىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ مۇراسىمغا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالماتا شەھەرلىك ناھىيىلەر شۆبىلىرى، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىننى ئاچقان «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى»نىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئۇنىڭ تەرەققىيات يوللىرى، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەر، ياشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە قەدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىش سەھىپىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسلام دەۋرىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مۇستەقىل قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەكىللىرى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ۋەزىپىلەر توغرىلىق قاراشلىرىنى بىلدۈردى. ئا. ھەمرايېف شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە توپلانغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى ئالاھىدە ئىزدەپ-تېپىش كومىسسەيىلىرى تەرىپىدىن تېپىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ياش شائىرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، مېھمانلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا سۆزگە چىققان زىيالىيلار، جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇچرىشىشنىڭ بۇ قىسمىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف، «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردى، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇللام ھوشۇروف، شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتلىرى، «ئىنتىزار»، «ئاخبارات»، «غۇنچە» ژۇرناللىرى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىنى تولۇقى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار شۇنداقلا مەزكۇر ژۇرناللارنىڭ بىر نەچچە سانلىرىنى ياش ئىجادكارلارغا بېغىشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلىپ، كېلەچەككە ئۈمىدلەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «لېكىن ياش ئىجادكارلىرىمىز ئالدىدا ئەدەبىياتىمىزنى، ئۇنىڭ ئىچىدە نەزمىي ژانىرنى راۋاجلاندۇرۇشتەك چوڭ مەسىلە تۇرۇپتۇ. بۈگۈن مۇشۇ سورۇنغا يىغىلغان ياش ئىجادكارلارنىڭ ھەممىسىلا نەق مۇشۇ ژانىردا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان شائىرلار ئىكەن. بىز ياش شائىرلىرىمىزغا چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز. ئۇلارنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز. ياخشى ئەسەرلەرنى كۈتىمىز. چۈنكى بۈگۈنكى تاڭدا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە، مىللىي نەشىرلىرىمىزدە، ئىنتېرنېت تورلىرىدا قىسمەن بولسىمۇ مۇشۇ شائىرلىرىمىز بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. ئەمدى ياشلارنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى مەيدانغا ئېتىپ، خەلقىمىزنى خۇشال قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمىز».
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئايرىم جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر ھەمدە شەخسىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ياشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يورۇققا چىقىرىشقا ماددىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ۋارىس» ياشلار ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، شائىر ۋىليام مولۇتوفنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ كۆپچىلىكى كەلمىگەن ھالەتتىمۇ ئۇ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، بىر قاتار مەسىلىلەر ھەل بولغان. ئىلگىرى بۇ شەكىلدە ئۇچرىشىشلار قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت كۆپچىلىكنى خۇشال قىلغان. ۋ. مولۇتوف بىرلەشمىنىڭ دەسلەپكى ئىش-رېجىلىرىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى رېجىمىزدە خەلقىمىز بىلەن ئۇچرىشىش قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ كەچتە نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپلەر بولدى. بۇ يەردە ئاساسىي قوللاپ-قۇۋەتلىگۈچى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولدى».
ۋ. مولۇتوف «ۋارىس» بىرلەشمىسى ئەزالىرىنىڭ ئۆزارا ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەھكەم ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، ياش ئىجادكارلار ئارىسىدىكى ئىجادىي ئالاقىنى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى جانلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىش يۆنىلىشلىرىدە ئالاھىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋ. مولۇتوف بۇ ئۇچرىشىشتا بىرىنچى نۆۋەتتە بىرلەشمە ئىش پىلانلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشنى مەسسەد قىلغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشقا بىرلەشمە ئەزالىرىنى پەقەت بىر گۇرۇپپىسىنىڭلا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغانلىقىنى، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ سېپىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتا شائىرەم باراتوۋا، مولۇتجان توختاخۇنوف، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، ئالبىنا ئەمەتوۋا، دىلفۇزا روزىيېۋا، ئائىدەم ئەخمەتوۋا، تەقدىر ئوكتيابروف، دىلىنۇر ئۆمەروۋا، سابىرەم ئەنۋەروۋا، شۆھرەت ئىلىيېف، دىلرابا روزىيېۋا قاتارلىق ياش ئىجادكارلار قاتناشتى.