ئالماتادا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ سايلام يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ھېسابات-سايلام يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مەركەزنىڭ باشقارما ئەزالىرى، شۇنداقلا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەركەز رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف دوكلات بىلەن سۆزگە چىقتى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم ئۇنىڭ مەملىكەتتىكى بارلىق مىللەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا بېرىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەركەزنىڭ نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق بەش يىل مابەينىدە قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە ھېسابات بەردى.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركەز بۇ ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتار چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 2012-يىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرى، 2015-يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تائامى «لەڭمەن بايرىمى»، كەسپىي بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داڭلىق ئېسترادا ئارتىسلىرىنىڭ چوڭ كونسېرتى، 2015- ۋە 2016-يىللاردىكى «رازىمەنلىك كارۋىنى» ۋە «مۇستەقىللىق مېۋىسى» ھەرىكىتى، كۆپلىگەن خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرى ۋە باشقىلار ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا بەزى پائالىيەتلەرنىڭ «بىرلىك» جەمئىيەتلىك فوندى، قازاق جۇغراپىيە جەمئىيىتى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەنلىكى تەكىتلەندى.

مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىققان خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا، ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى مەشرەپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى تەلئەت نادىروف، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف، ئەدلىيە خادىمى شەمشىقەمەر ئابدراخمانوۋا ۋە باشقىلار مەركەز پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ش. نۇرۇموفنىڭ مەركەز رەئىسى ۋاكالىتىنى يەنە بەش يىلغا ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەردى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن يەكۈنى چىقىرىلىپ، قارار ئېلىندى. ئۇنىڭدا مەركەزنىڭ ئۆتكەن قەرەل ئىچىدە يۈرگۈزگەن ئىشلىرى ئىجابىي باھالاندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا مەركەزنىڭ بەش يىللىق پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «شاھىمەردان ئاكا مەركەزنىڭ ئىشىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، مەتبۇئات، تەنھەرىكەت ساھەلىرى بويىچە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بارچە ئاممىنىڭ كۆڭلىدىن چىقتى. مۇشۇ بەش يىل مابەينىدە ئىشلىگەن ئىش-پائالىيىتى بويىچە ھېساباتىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتكۈزۈپ، قايتا تەيىنلەندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى باشلىقىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئىشىغا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى، ئۇنىڭغا ئۇتۇقلار تىلىدى ۋە قايتا سايلانغاندا ھېچقانداق قارشىلىقلار بولمىدى.»

ق. روزىيېۋا ئۆز سۆزىدە ش. نۇرۇموفنى مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسى ئەزالىرى ۋە پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەپ، مەركەز ئىشىغا ئۇتۇقلار تىلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىر نەچچە كېڭەشلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى مەركەز باشقارمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىش پىلانلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەركەز يېنىدا يىگىت باشلىرى كېڭىشى، ئالىملار كېڭىشى، خانىم-قىزلار كېڭىشى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات كېڭىشى، «نۇرانىيە ئانىلار» كېڭىشى، ياشلار كېڭىشى ۋە باشقىلار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا مەزكۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقىمۇ شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان شۆبىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن خەتلىرىدە مەركەز ئىشىنىڭ بەش يىللىق ھېساباتىنى قانائەتلىنەرلىك دەپ باھالايدىغانلىقىنى ھەم ش. نۇرۇموفنى يەنە بىر قەرەلگە داۋاملاشتۇرۇش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەملىكەت بويىچە 11 شۆبىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن، ئۇنىڭ ئاستانا بۆلۈمىنى رۇستەم ئابدۇسالاموفنىڭ باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاستانادىمۇ مەركەزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشلىرى ئاتقۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ: مەدەنىيەت كۈنلىرى، ۋەتەندىن ئارتىسلارنى چاقىرىش، بالىلارنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئۇلار پىلان رېتىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزېيلىرى بار. شۇ مۇزېيدا ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەكلەر، ئەدەبىي كىتابلار قويۇلغان. مۇشۇلار ئارقىلىق سىرتتىن كەلگەنلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتلار ئالىدۇ.»

ز. قۇرۋانباقىيېف مەركەز ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۇپلىرى، پروگراممىلىرى، مۇراجىئەتنامىلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈك خىزمىتىنى ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.