ئالماتادا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرى (18-ۋە 20-ئەسىرلەر) تارىخىي مەنبەلەردە» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخچى دوكتور رىسالەت كەرىموۋا ئۆز سۆزىدە مەركەز خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلمىي لايىھەلەر نەتىجىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاساس بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئىلمىي يىغىننىڭ ماۋزۇسىنى بەلگىلەشتە بولۇپمۇ ئا. كامالوفنىڭ تەشەببۇسى ئاساس قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇتۇقلار تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ئىمپېرىيەلىك دەۋردە بارلىققا كەلگەن مەركىزىي ئاسىيا تارىخى بويىچە يازما مەنبەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. ئىمپېرىيەلىك دەۋر دەپ، بىز مەركىزىي ئاسىيانىڭ رۇسىيە ۋە چىن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغان دەۋرىنى ئاتايمىز. بۇ دەۋردىكى خەلقلەرنىڭ تارىخى ئەنە شۇ ھۆكۈم سۈرگەن ئىمپېرىيەلەرنىڭ تىلىدا، يەنى رۇس ۋە خىتاي ياكى مانجۇ تىللىرىدىكى يازما يادىكارلىقلاردا ئەكس ئېتىلگەن. بۇ، شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئاخبارات مەنبەسىدۇر. ئامما تارىخچىلارنىڭ بۇ ئاخباراتقا تەنقىدىي ھالدا قارىشى لازىم، سەۋەبى بۇ ۋەقەلەر ئىمپېرىيەلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى نۇقتىئىنەزىرىدىن تۈزۈلگەن. تارىخىي ئۆتمۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە ھەققانىي ئەكس ئېتىلىشى ئۈچۈن بىز يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان يازما مەنبەلەرنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك ئاپتورلارنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى تارىخچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن ئالىملىرىمىز ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارغا ئوخشاش مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان قىممەتلىك ھۆججەتلەر ھەققىدە دوكلاتلار قىلدى.»

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى شائىرەم باراتوۋانىڭ پىكرىچە، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا بۇ يىل 20 يىل تولغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مىراسخورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي بوھرانلار سەۋەبىدىن مەركەز خادىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى باشقا ساھەلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپى بۈگۈنكى كۈندە خېلىلا شالاڭلىشىپ قالغان.

ش. باراتوۋا كۆپلىگەن شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرىنىڭ ھەر يىلى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى نەشر قىلىش، جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا مىقياسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى، تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقىمۇ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشتا ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا مەركەز تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىلمىي يىغىنلاردا مەركىزىي ئاسىيادىكى گېئوسىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە بۈگۈنكى ھاياتىغا باغلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى ئۆتكەن ئەنجۇمەننىڭ شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەنجۇمەندە ئوقۇلغان دوكلاتلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ماكانى شەرقىي تۈركىستاندا 18-ۋە 20-ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش ئىمپېرىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىلىرىدە ئېلىپ بارغان باسقۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى، بۇنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە ئەكس ئېتىلىشىنى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرنى يورۇتقان. شەخسەن ماڭا تارىخچىلار رىسالەت كەرىموۋانىڭ «18-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستان يادىكارلىقلىرى ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى تارىخىي مەنبەلەر سۈپىتىدە» ۋە ئابلەھەت كامالوفنىڭ «رۇسىيە ئىمپېرىيەلىك دەۋرى مەنبەلىرىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىشنىڭ نەزەرىيەۋىي يوللىرى»، ئىقتىسادچى گۈلجاھان ھاجىيېۋانىڭ «ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى شىنجاڭدا سودىنىڭ راۋاجلىنىشى»، تىلشۇناس خالمىنەم مەسىموۋانىڭ «شەرقىي تۈركىستان يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق دوكلاتلىرى كۆڭلىمىزدىن چىقتى. مەزكۇر دوكلاتلار مۇئەللىپلىرى ئىلگىرى تېخى يورۇتۇلمىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى يارقىن پاكىتلار ئاساسىدا دەلىللەپ بېرەلىگەن. ئوقۇلغان دوكلاتلاردىن مەركىزىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ 18- ۋە 20-ئەسىرلەردە نەقەدەر مۇرەككەپ ۋە چىگىش بولغانلىقىنى، ھەر خىل ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ نەقەدەر كەسكىن بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.»

ش. باراتوۋا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماۋزۇسىنى كېلەچەكتە تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقئارا مىقياستا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرىغا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.