ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئالىملىرى باش قوشتى
2019.01.23
20-يانۋاردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى رېستورانلارنىڭ بىرىدە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر ئۇچرىشىشنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تونۇلغان ئالىملار ۋە ياش تەتقىقاتچىلار قاتناشتى.
ئۇچرىشىشنى ئاچقان ئۇيغۇر ئالىملىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى مەسۈمجان ۋىلياموف جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ھەم ئالىملار ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇچرىشىش داۋامىدا سۆزگە چىققان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپژان نادىروف، مېمارچىلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بەھرام غىلاۋدىنوف، ئابلايخان نامىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋالېرىي مەخپىروف ۋە باشقىلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى دۇچ كېلىۋاتقان جەريانلار، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى، ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرى، ياشلارنى تەربىيەلەش مەسىلىلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېببىي پەنلەر دوكتورى ئەبەيدۇللام جاپپاروف ئۇيغۇر ئالىملىرىنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئەتراپىغا توپلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسلام تەتقىقاتلىرى بويىچە ياش مۇتەخەسسىس يارمۇھەممەت داناخۇنوف ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ ئۆز ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ۋە مەزمۇنلۇق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ بېشىدا تارىخىي ۋەتىنىمىزدە شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئەھۋال ھەققىدە ئالىملار ئۆز ئەنسىرىشىنى ۋە كۆڭۈل بىئاراملىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئالىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق ئۈلۈشىمىزنى قوشساق بولىدۇ دېگەن پىكىر ئەتراپىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بۇ يىغىندا ئۆز خەلقىگە، ۋەتىنىگە قانداق خىزمەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقى ھەققىدە ھەم ئالىملار ئارىسىدا ھەمكارلىق، بىرلىك ئورنىتىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسۈمجان ۋىلياموف ئالىملار كېڭىشىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئالىملارنىڭ قاتنىشىشىدا 2018-2020-يىللارغا قويۇلغان پىلانلار بويىچە ئىشلارنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئىشلار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ۋە ئۇ باشلىغان باشقارمىنىڭ ياردىمى بىلەن يۈرگۈزۈلمەكتە. 2018-يىلى ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ ‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› كىتابىنى تونۇشتۇردۇق. بىزنىڭ پروگراممىلىرىمىز ئالىملارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇش، ئەمگەكلىرىنى كۆرسىتىش، ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇ يىلى ئاپرېلدا تىلشۇناسلارنى تونۇشتۇرۇش كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرماقچىمىز.»
مەسۈمجان ۋىلياموف يەنە ئالمۇتادىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ گىمنازىيەسى بىلەن ھەمكارلىقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي لايىھەلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا تەييارلاش، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ياش ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە باشقىمۇ پىلانلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى خالمىنەم مەسىموۋا قازاقىستاندىكى ئالىملارنى دائىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز كەسىپداشلىرىنىڭ، سەپداشلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سەۋەبسىز قامالغانلىقىدىن بەك ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئىسمى دۇنياغا تونۇلغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ئومۇمەن مىللىي مائارىپىمىزنىڭ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئىلىم-پەنىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىي ئېتىشىگە سۆزسىز سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىپىمىز ئەنە شۇ ئاتاقلىق شەخسلىرىمىزنىڭ خەلق ئالدىدىكى خىزمەتلىرىنى، ئەسەرلىرىنى ئامما ئارىسىدا، مەتبۇئاتلاردا تەشۋىق قىلىشتىن، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن قوللاشتىن ئىبارەت. ئالىملارنىڭ باش قوشۇشىدا سۆزگە چىققانلارنىڭ كۆپچىلىكى قانداق قىلساق ئەنە شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز دېگەن مەسىلە ئەتراپىدىمۇ ئويلىنىپ، ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە، ئالىملىرىمىز تىنچ ئولتۇرغىنى يوق. ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە مۇراجىئەتنامە يېزىش ئىشىغا بۇ يەردىكى زىيالىيلىرىمىز يېقىندىن ئارىلاشتى. شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا ئالىملىرى نامىدىن ئامېرىكا كوڭرېسسىغا يېزىلغان مەكتۇپقا 500 دىن ئوشۇق ئادەم ئىمزا قويغان بولسا، شۇلارنىڭ ئىچىدە 40 قا يېقىنى مانا مۇشۇ ئالمۇتا شەھىرىدىن بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا ئىسمى تونۇلغان ئالىملىرىمىزمۇ بولدى. قىسقىسى، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەت ھەر قايسىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ، قەلبىمىزنى بىئارام قىلىدۇ.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى زۇلفىيە كەرىموۋا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، يەنى خەلقىمىز ئۈچۈن ئېغىر بىر سىناقلار كېتىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ، ئەلۋەتتە. ئومۇمەن تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن قالسا ئۇيغۇر ئالىملىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت-قازاقىستان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قانداق قىلساق خەلقىمىزگە مۇناسىپ خىزمەت قىلالايمىز، قانداق قىلساق ئۇلارنىڭ پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى تېخىمۇ كۆتۈرەلەيمىز دېگەن مەسىلىلەر ئەتراپىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتۇر. بۇنىڭدىن تاشقىرى كېلەچەكتە قىلىنىدىغان ئىشلار ئەتراپىدىمۇ خېلى كۆپ ۋە ياخشى تىلەك-نىيەتلەر ئېيتىلدى. ھەقىقەتنى ئېيتىش كېرەككى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى سانىنىڭ خېلى كۆپەيگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا تونۇلغانلىقى، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ھازىر، ئەلۋەتتە، ئەھۋال شۇ ۋاقىتقا تامامەن ئوخشىمايدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىز ئەڭ تالانتلىق ئالىملىرىمىزدىن جۇدا بولغانلىقىمىز، قابىلىيەتلىك ۋە ئىرادىلىك ياش ئالىملىرىمىز سېپىنىڭ خېلى ئازايغانلىقى، ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ.»
زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئەڭ يېتەكچى ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن تىلشۇناسلىق ساھەسىنىڭ راۋاجلىنىشى ھازىر تۆۋەنلەپ، بۇ جەھەتتە ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاپچىللىقىمۇ بايقالماقتىكەن. مۇنداق ئەھۋال باشقىمۇ ساھەلەردە سېزىلىشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئاساسەن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئەتراپىغا توپلانغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنستىتۇت تارقاپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ ھەر ياقلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەڭ توپلانغان ئورنى ھازىرقى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچەك تەقدىرىمۇ كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتا.