ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئانا تىلىغا بېغىشلانغان فېستىۋال ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.11.22
almutada-ana-til-paaliyiti.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

almutada-ana-til-paaliyiti-1.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

almutada-ana-til-paaliyiti-2.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

almutada-ana-til-paaliyiti-3.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

almutada-ana-til-paaliyiti-4.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

almutada-ana-til-paaliyiti-5.jpg

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 18-نويابىر. RFA/Oyghan

18-نويابىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە «ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك تۇنجى قېتىملىق فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى.

ئۇلۇغ تىلچى مەھمۇت كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1010 يىللىقى ۋە مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىب تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان بۇ پائالىيەت ئالمۇتادىكى «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزى، ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسى ۋە «شەبنەم» خانىم-قىزلار كۇلۇبى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلدى. فېستىۋالغا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ياشلار ئىشتىراق قىلدى. مەزكۇر فېستىۋالنى ئالمۇتا ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت، ئالمۇتا شەھەرلىك بىلىم بېرىش بۆلۈمى، «مىر» نەشرىيات ئۆيى، «پەرۋاز» ئىجراچىلار بىرلەشمىسى ۋە باشقىلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

«ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» ناملىق بۇ فېستىۋالىنى پېشقەدەم زىيالىي، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى يېمېليان ھوشۇروف كىرىشمە سۆز بىلەن باشلىدى. ئۇ ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە باشقا ساھەلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئەنە شۇنىڭغا قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن رىياسەتچى قەلبىنۇر روزىيېۋا فېستىۋال شەرتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەم بەلگىلەنگەن قازىلارنى مۇسابىقە ساھەلىرى بويىچە بۆلدى.

فېستىۋال شەرتى بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات، سەنئەت، تەسۋىرىي سەنئەت ساھەلىرى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشتى. بۇنىڭ تەركىبىگە شېئىر يادلاش، ئىلمىي ماقالە ۋە ھېكايە يېزىش، ئانا تىل، ئانا يۇرت، ئانا ۋەتەن ھەققىدە ناخشا ئىجرا قىلىش، «بۈيۈك نامايەندىلىرىمىز»، «مېنىڭ ئەجدادىم»، «بىز ئەجدادلار ۋارىسى» تېمىلىرى بويىچە رەسىم سىزىش قاتارلىق تۈرلەر كىرگۈزۈلدى. فېستىۋالغا ئالمۇتا ۋە چىمكەنت شەھەرلىرى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىدىن بولۇپ 170 كە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموف مەزكۇر مۇراسىمنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ فېستىۋالغا ھەر بىر قىز-يىگىتنىڭ قاتنىشىپ، ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىشى ھەممىدىن مۇھىم بىر ئىش بولدى دەپ ھېسابلايمەن. بىزنىڭ ئەۋلادىمىز بولغان بۇ قىز-يىگىتلەر خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، سەنئىتىنى، باشقىمۇ ساھەلىرىنى ئۇنتۇمىغانلىقىنىڭ، قازاقىستان دىيارىدا بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇ فېستىۋال قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۈلۈش قوشىدۇ دەپ ھېسابلايمەن.»

مەزكۇر فېستىۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن قازىلار تەركىبىدە ئالىملار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئۇستازلار، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلار بولغان. شۇلارنىڭ بىرى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتېرى ئارتىسى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا مۇنداق دېدى: «بالىلار بىزنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەدىبلىرىمىز ۋە ھازىرقى شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا مەن ‹بىز بار ئىكەنمىز ھەم بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن› دەپ خۇشال بولدۇم. بۇ بالىلار شۇ شېئىرلاردىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇكەممەل چۈشىنەلمىسىمۇ، ئەمما ئۆز تىلىدا شۇلارنى ئوقۇۋاتقىنى مېنى ئۈمىدلەندۈردى. ئۇلار ئۆز تىلىدىن مەغرۇرلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ھازىرقى كۈندە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەند شەھىرىدىكى گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە ھەر يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 25 ھەقسىز ئورۇن ئاجرىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ بىلىم دەرگاھىدىنمۇ بىر قانچىلىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ياش شائىر مولۇتجان توختاخۇنوف فېستىۋالنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «60 تىن ئوشۇق مىللىي مەكتەپلىرىمىزدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۈگۈن ئانا تىلىدا ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى، تالانتىنى سىنىدى. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دەرسلەر ئانا تىلىدا بېرىلگەنلىكتىن 200 گە يېقىن بالىنىڭ مۇشۇنداق كۆرەككە قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.»

فېستىۋال يەكۈنى بويىچە غالىب چىققان بالىلار مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبلارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە سوۋغاتلىرى ۋە پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى.

مەزكۇر فېستىۋالنىڭ ئاساسىي ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇراسىمدا ئۇتۇقلار بىلەن بىرگە بەزى كەمچىلىكلەرمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن. ئۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ئاساسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ماددىي تەرەپتىن كۆپ قىينالدۇق. چۈنكى بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشنى خالىغان بالىلار كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان بولساق، بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ خىراجەت كېتەتتى. مۇشۇ تەرىپى بىزنى بەك قىيناپ قويدى. مېنىڭ ئويۇمغا كەلگەن يەنە بىر ئىش، نېمىشقىدۇر بىزنىڭ بەزى ئاكىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىز بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. يار-يۆلەك بولغانلار بار، ئۇلارغا بىز ئۆزىمىزنىڭ چوڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمىز.»

قەلبىنۇر روزىيېۋا ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق فېستىۋاللارنى ناھىيەلەردىمۇ ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى، چۈنكى يېزىلاردىمۇ تالانتلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىنتايىن نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئانا تىل دېمەك-خەلقىمنى سۆيمەك» دەپ ئاتالغان بۇ فېستىۋالنى بىر قاتار ياش سەنئەتكارلار قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى، ئۇسسۇللىرىنى ھەدىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈلسەنەم مەشۇروۋا، ياش چولپان ئىرادە مامۇتوۋا قاتارلىق ناخشىچىلار، «دولان» ۋە «دىلبەر» مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى بولدى. مەزكۇر فېستىۋالغا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، ئۇستازلار ۋە باشقىلار بولۇپ، 300 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.