ميۇنخېندىكى ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزى جانلانماقتا

0:00 / 0:00

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئازكەم 10 يىل بولدى. ھازىر بۇ مەركەزدە ئۈچ سىنىپتىكى 60 ئەتراپىدا ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن دەرس بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن ميۇنخېن جامائىتى مەمنۇن بولۇشماقتا.

ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدە ئاتالمىش « قوش تىللىق مائارىپ» نى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بۇنىڭغا قارشى ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتىمۇ پاراللىل ھالدا كۈچىيىشكە باشلىغان. جۈملىدىن، ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىمۇ 2012 - يىلى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى زور دەرىجىدە جانلانغان.

بۇ مەركەزدە ئىلگىرى دىنىي بىلىملەردىن سىرت، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى قاتارلىق ساھەلەردە ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئىسلام دىنى بىلىملىرىدىن ساۋات چىقىرىش دەرسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىپ بولغان. بۇ مەركەزدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ھەرخىل زېھىن سىناش، جامائەت ئالدىدا ئېمتىھان ئېلىش شەكلىدىكى مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. بىز بۇ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۇچۇر ئىگىلەش مەقسىتىدە، ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى خادىملىرىدىن بولغان ئەنىۋەرجان ئەپەندى، ئابدۇجېلىل ئەپەندى ھەمدە ھازىرقى دىنىي ئۇستازلاردىن ھەبىبۇللاھ قارى ۋە ھەزرىتىم قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق.

ميۇنخېندىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل ئەپەندى ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. دىنىي ئۇستازلاردىن ھەبىبۇللاھ قارى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئاتا - ئانىلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇستاز ھەزرىتىممۇ ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ياخشى يۈرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولسا، بۇ مەركەزنىڭ پائالىيىتىگە قىسقىچە باھا بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇندىن كېيىن ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزى كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا زورۈر بولغان دەرسلىكلەرنىڭ تولۇقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.