«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 70 يىل بولدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر زىيالىيسى خېۋىر تۆمۈرنىڭ 1983 - يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجياڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» ناملىق توپلامنىڭ 11 - قىسمىدا ئېلان قىلغان «ئالتاي نەشرىياتى ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق يازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، «ئالتاي نەشرىياتى» نى قۇرۇش پىكرىنى 1945 - يىلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى(گو مىنداڭ)نىڭ مەركىزى بولغان نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن مۇھەممەدئىمىن ھەزرەت ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا نەشرىيات قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىنغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مۇدىر، ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن سالىس مۇئاۋىن مۇدىر، مۇھەممەدئىمىن ھەزرەت باش مۇھەررىر، پولات قادىرى مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان.

خېۋىر تۆمۈر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر يازمىسىدا تىلغا ئېلىشىچە، شۇ زاماندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن بۇ ۋەتەندە «شىنجياڭ گېزىتى» دىن باشقا ئوقۇغىدەك نەرسىنىڭ تايىنى بولمىغاچ، «ئالتاي نەشرىياتى»نى قۇرۇش پىكرى تىزلا ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1946 - يىلى 7 - ئايدا 30 دىن ئارتۇق ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئىشتىراكىدا «ئالتاي نەشرىياتى» رەسمىي قۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا نەشرىيات رەھبەرلىك ھەيئەتلىرى سايلاپ چىقىلغان. مەسئۇد سابىرى بايقۇزى نەشرىياتنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مۇدىرلىقىغا، ئىبراھىم مۇتىئىي مۇئاۋىن مۇدىرلىققا، مۇھەممەدئىمىن ھەزرەت باش مۇھەررىرلىككە، پولات قادىرى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مۇئاۋىن مۇھەررىرلىككە سايلانغان. مۇئەللىپ خېۋىر تۆمۈرمۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدە بولغان.

«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «ئەرك» گېزىتى
«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «ئەرك» گېزىتى


خېۋىر تۆمۈرنىڭ بايان قىلىشىچە، 1946 - يىلى 8 - ئايدا «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ تۇنجى نەشىر ئەفكارى «ئالتاي» مەجمۇئەسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ مەزگىل، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى بىلەن مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» تۈزۈلۈپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان، جياڭ جىجۇڭ ئۇنىڭ رەئىسى، ئەھمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن رەئىس بولغان بىر چاغ بولۇپ، مۇھەمممەدئىمىن ھەزرەت بىلەن ئەھمەتجان قاسىمىنىڭ مۇناسىۋىتى بىرئاز ياخشى بولغاچ، ئەھمەت ئەپەندى يېڭى قۇرۇلغان بۇ نەشرىياتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەشكە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم قىلغان. نەشرىياتنىڭ ئاساسىي چىقىمى بولسا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تىجارەتچىلەردىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. بۇ نەشرىيات ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىتىراپ قىلىنغان ۋە تەستىقلانغان قانۇنىي بىر نەشر ئورگىنى بولغان. دەسلەپكى باسمىچىلىق ئىشلىرى تاش مەتبەدە ئېلىپ بېرىلغان. 1947 - يىلىغا كەلگەندە، ئەيسا ئەپەندى ئىچكىرىدىن ئېلىپ كەلگەن باسما زاۋۇتى ئىشقا كىرىشىپ، مىق مەتبە قوللىنىلغان.

«ئالتاي نەشرىياتى» ئىشقا كىرىشىش بىلەنلا، بۇ سەپكە يەنە چىڭگىزخان داموللا، ئابدۇساتتار مۇخپۇل (ساتتار بۇلبۇل)، رەھمىتۇللاھ جارى، رەۋەيدۇللاھ، ئابلىز مەخسۇم قاتارلىق شۇ زاماننىڭ ئىلغار زىيالىيلىرى قوشۇلغان. ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى چاغدا بۇ نەشرىياتتا خىزمەت قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان ئۆز زامانىنىڭ ئاكتىپ زىيالىيلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن مەرھۇم نىزامىددىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئارخىپ ئامبىرىدا 40 - يىللارغا ئائىت بۇ ماتېرىياللارنى يۇرتمۇ - يۇرت كېزىپ يۈرۈپ توپلاپ ساقلىغان بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋەتەننى تەرك ئېتىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭدىن بىر قىسىم گېزىتلەرنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان. 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىر يوللار بىلەن بۇ گېزىتلەرنىڭ بىر قىسىم نۇسخىلىرىنى گېرمانىيەگە ئالدۇرۇپ كەلگەن.

«ئالتاي نەشرىياتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئالتاي مەجمۇئەسى» ۋە «ئەرك گېزىتى»نى نەشر قىلىنغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 1946 - يىلى 8 - ئايدا «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ تۇنجى نەشر ئەفكارى «ئالتاي مەجمۇئەسى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، 1947 - يىلىدىن باشلاپ «ئەرك گېزىتى» نى نەشر قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گېزىتنىڭ باش قىسمىغا «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلام، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن جۈملىلەرنى كىرگۈزۈش پىكرى قوبۇل كۆرۈلگەن.

«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «شىنجياڭ» گېزىتى
«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «شىنجياڭ» گېزىتى


ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىنى تەرغىپ قىلىدىغان بۇ نەشر ئەفكارلىرىغا قارىتا ئۆز ۋاقتىدا ھەم خىتاي، ھەم سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ بىئارام بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

1947 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئەرك گېزىتى» ئۈرۈمچىدىن سىرت، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقىتىلغان. ھەتتا ئىچكىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قەدەر ئەۋەتىلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ گېزىتنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، تارقىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، تەسىرىنىڭ زور بولۇشىنى، بۇ گېزىتتە سافاسى يۇقىرى بىر توپ زىيالىيلارنىڭ خىزمەتتە بولغانلىقى ھەم كۆپ بەدەللەر تۆلىگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خېۋىر تۆمۈرنىڭ «ئالتاي نەشرىياتى ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق يازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، 1947 - يىلى مەسئۇد سابىرى بايقۇزى ئۆلكە رەئىسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باش كاتىپ بولغاندىن كېيىن، «ئالتاي نەشرىياتى»غا بېرىلىدىغان ياردەملەرمۇ بىرئاز كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن باشقا، نەشرىيات خادىملىرى كىنو فىلىملىرىنى قويۇش، خاس دۇكان ئېچىش، ئىئانە توپلاش يوللىرى بىلەن كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ كەلگەن.

«ئالتاي نەشرىياتى» دا ئۆز زامانىدا خىزمەت قىلغان ساتتار بۇلبۇل ۋە پولات قادىرىلار بىلەن بىر مەزگىل يېقىن ئالاقىدە بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، «ئالتاي نەشرىياتى» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى ئېسىمىزگە سالدى.