«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ كېيىنكى تەسىرى ھەققىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.03
altay-neshiriyati-inqilabi-sherqiy-turkistan.jpg «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى
RFA/Ekrem


«ئالتاي مەجمۇئەسى «ۋە «ئەرك گېزىتى»نى نەشر قىلغان «ئالتاي نەشرىياتى» 1946 - يىلى دۇنياغا كېلىپ، 1949 - يىلى 9 - سىنتەبىر تاقالغان. نەشرىيات مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى ۋەتەننى تەرك ئەتكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى خېۋىر تۆمۈرنىڭ 1983 - يىلى ئېلان قىلغان «ئالتاي نەشرىياتى ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق يازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئىلىغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى، يەنى 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «ئالتاي نەشرىياتى» رەسمىي تاقىلىپ، مۇھەممەدئىمىن ھەزرەت ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدىكى زىيالىيلار قوشۇنى ئىككى تۈركۈم بولۇپ ھىجرەتنى باشلايدۇ. بىرىنچى تۈركۈمى 49 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئىككىنچى تۈركۈمى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. 3 يىل دەۋىر سۈرگەن «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ ئۆمرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

خېۋىر تۆمۈرنىڭ بايانلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى تەستىقلىغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، كوممۇنىست خىتايدىن قېچىپ، ھىجرەت يولىنى تاللىغان زىيالىيلارنىڭ شۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىراق، بۇ قېتىمقى سەپەرگە ئاتلانغان خېلى كۆپ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئاخىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن ۋاز كېچىپ چېگرىدىن قايتىپ كەلگەن ۋە كېيىن تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنغان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۇزۇن بىر زامان ئەزىيەت چەككەن بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 80 - يىللاردىن باشلاپ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۆپ ئىجابىي خىزمەتلەردە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۆلكە تارىخى»نىڭ ئاپتورى پولات قادىرى ۋە «ساتتار بۇلبۇل» نامى بىلەن تونۇلغان شائىر ساتتار مۇخبۇل چوبانىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ميۇنخېندا ئاچقان «ئازادلىق رادىئوسى» دا خىزمەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، بۇ ئىككى زاتنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «ئەرك» گېزىتى
«ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ «ئەرك» گېزىتى
RFA/Ekrem

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇندىن 70 يىل ئىلگىرى «ئالتاي نەشرىياتى»نى قۇرغان ۋە ئۇنىڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان زاتلار يالغۇز نەشرىياتچى، ئەدىپ، شائىر، تارىخچى بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن ئۇلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىي زاتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ۋە ئىدېئولوگىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەمدە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

«ئالتاي نەشرىياتى» خادىملىرىدىن بىرى بولغان ساتتار بۇلبۇل ئەپەندى بىلەن «ئازادلىق رادىئوسى» دا 20 يىل بىرگە خىزمەت قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ، شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «ئالتاي نەشرىياتى ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق يازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، 1946 - يىلى يەنە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىبراھىم تۇردى مەسئۇللۇقىدا «خانتەڭرى» ژۇرنىلىمۇ نەشر قىلىنغان. 1948 - يىلى تۈركىيەدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى قۇربان قوداي رەھبەرلىكىدە «يالقۇن گېزىتى» نەشر قىلىنغان. 1949 - يىلى بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن بۇ گېزىتنى تاقىۋەتكەن. قۇربان قوداي «يالقۇن گېزىتى» تاقالغاندىن كېيىن «ئۇچقۇن گېزىتى»نى نەشر قىلغان. 1949 - يىلى قۇربان قودايمۇ ئائىلىسى بىلەن مۇھەممەدئىمىن ھەزرەت ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرگە ئەگىشىپ ھىجرەت قىلغان بولسىمۇ، ھىندىستان چېگرىسىدىن قايتىپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇربان قوداينى 1951 - يىلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.