قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەت. ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلار ھەم شەھەرلەرگە تارالغان بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ شۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان. «ئاماننىساخان» فوندى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش يولىدا ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا. شۇنىڭدەك مەخسۇس ئاياللار ژۇرنىلى نەشر قىلىپ تارقاتماقتا. مەزكۇر فوندنىڭ مەسئۇلى خەلچەم مىررەھىموۋا خانىم يېقىندا ئېچىلغان قىرغىزىستان ئاياللىرى كونگرېسىنىڭ يىغىنىدا ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇ ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ؛ «ئاماننىساخان» فوندىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
قىرغىزىستاندىكى «ئاماننىساخان» فوندى 2002-يىلى بىر تۈركۈم ئايال ئاكتىپلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ جامائەت فوندى قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولى، ياشلارنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسىدا تەربىيەلەش، توي-تۆكۈن، نەزىرە-چىراقلاردا ھەشەمەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ئانا تىل تەربىيەسى بېرىش، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقوقلىرىنى قوغداش، ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان ياشلارغا ماددىي ھەمدە مەنىۋى ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاماننىساخان» فوندىنىڭ رەھبىرى خەلچەم خانىم فوند قۇرۇلغاندىن بۇيان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاياللار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فوندىمىز قۇرۇلغان 2002-يىلدىن بۇيان بىز ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەيرى-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئىلىپ باردۇق.»
قىرغىزىستان ئاياللار كونگىرىسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق قۇرۇلتىيىدا «ئاماننىساخان» فوندىنىڭ رەھبىرى خەلچەم مىررەھىمۇۋا قىرغىزىستاندا ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش خىزمىتى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى. خەلچەم خانىم بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى: «قىرغىزىستان ئاياللار كونگىرىسى قىرغىزىستاندىكى 80 دىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ئاياللار ۋەكىللىرى بولغان ئاممىۋى تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ئائىلىدىكى رولىنى ياخشىلاش يولىدا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.»
«ئاماننىساخان» فوندى 2010-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ئاماننىساخان» ناملىق قەرەلسىز ژۇرنال نەشر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلچەم خانىم بۇ ژۇرنالنى نەشر قىلىشتىكى ئوي-مەقسەتلىرى ھەمدا ژۇرنالنىڭ جەمئىيەتتە ئوينىغان رولى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە توختالدى: «بىز ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ھەمدە مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر ئاياللارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ژۇرنالنى تەسىس قىلغان ئىدۇق. ژۇرنىلىمىز نەشر قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە ھەقىقەتەنمۇ رولى ياخشى بولدى.»
«ئاماننىساخان» فوندىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى زۇمرەت ھېكىم خانىم فوند رەھبىرى خەلچەم مىررەھىمۇۋانىڭ ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا تۆھپە ياراتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.