تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالى رايونىدىكى شاھزادىلەر شەھىرى دەپ بىلىنىدىغان ئاماسيا شەھىرىگە 40 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئۇيغۇر كەنتىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 700 - يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 28 - 29 - نويابىر كۈنلىرى چاقىرىلغان يىغىنغا ئۇيغۇر كەنتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر كەنتى مۇھىتىنى قوغداش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، بۇ كەنتلىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار، ئىستانبۇلدىكى ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى، ئۇيغۇر كەنتىدىن ئىستانبۇلغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار قۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇلى باشچىلىقىدىكى 100 گە يېقىن ئۇيغۇر بولۇپ جەمئىي 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
ئارقىدىن بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغان ئۇيغۇر كەنتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سوزلىگەندىن
كېيىن، تۈركىيە ئىسپارتا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كەمال گۆدە ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ 13 - 14 - ئەسىردىكى كۆچلىرى ۋە ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى» تېمىسىدا، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا «مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن كېيىنكى 12 - ئەسىرگىچە ئۇيغۇر تارىخى» تېمىسىدا، ئۇيغۇر كەنتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالى فۇئات ئەر ئەپەندى «مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 300 - يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 2000 - يىلىغىچە ئۇيغۇر كەنتىنىڭ ئورنى» تېمىسىدا، ئۇيغۇر كەنتلىك تەتقىقاتچى باھادىر ئەسەن ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇر كەنتىنىڭ تارىخى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 2000 يىللىق تارىخى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناتولىيەگە شۇنداقلا ئاماسيادىكى ئۇيغۇر كەنتىگە كۆچۈش تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلدى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر كەنتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1326 - يىلى ئاناتولىيىگە كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيانقى 700 يىللىق تارىخىنى ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتىمىز كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى 700 يىللىق تارىخىنى، ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ چىقىش ۋە بۇلارنى خەلققە يەتكۈزۈش ۋە ئىلمىي دوكلاتلارنى ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش ئىدى. بۈگۈنكى يىغىنىمىز بولسا بۇ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ئىدى. شۇڭا بۈگۈن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. مەن مەزكۇر يىغىنىمىزنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىزگە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان پۈتۈن تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەشكىلاتلار باشقارمىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور كەمال گۆدە ئەپەندى ئۇيغۇر كەنتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كېلىش تارىخى ۋە ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بېگى ئەراتنا بەگنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى بۇ رايونغا جايلاشتۇرغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرى بولسا ھازىرقى ئۇيغۇر كەنتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئارقىدىن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، باھادىر ئەسەر، ئالى فۇئات ئەر، باھادىر ئەسەر ۋە سادىق قاتارلىق كىشىلەر بۇ ھەقتىكى ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كەنتتىن ئىستانبۇلغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار قۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇھاررەم باش، گوللاندىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇسالام نىياز ۋە ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

مۇھاررەم باش، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. بىز ئىستانبۇلدىن 100 كىشى كەلدۇق. قانداق پايدىلىق بولدى دېسىڭىز 700 يىللىق تارىخىمىز توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولدۇق. بۇلار بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن زور پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.»
ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى، ئاماسيادىكى ئۇيغۇر كەنتىگە تۇنجى قېتىم كەلگەنلىكىنى، بۇ يەرنى كۆرۈپ يۇرتىغا بارغاندەك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر كەنتى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم 2002 - يىلى خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدۇق. 13 يىل ئىچىدە بۇ كەنت توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلار ئېلان قىلدى. ھازىر بۇ كەنت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدىغان بىر جايغا ئايلاندى.