ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بارمۇ؟

0:00 / 0:00

17-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا ئىزدەندۇق. 73 ياشلىق ئالىي رىزا دۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاماسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن تىل جەھەتتىن بەزى ئوخشاشلىقلىرى بولۇپلا قالماستىن، تۈركلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر ئۆرپ-ئادەتلىرى يوق ئىكەن.

ئالىي رىزا دۇران ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىغا خاس بىر ئۆرپ-ئادەتنىڭ قالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىزگە خاس ئالاھىدىلىكىمىز قالمىدى. ئەلۋەتتە بەزى ئوخشىمايدىغان ئادەتلىرىمىز بار. مەسىلەن، يېنىمىزدا تاتار ۋە چەركەز يېزىلىرى بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بىزنىڭ ئادەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار.

73 ياشلىق ئېلى رىزا دۇران ئەپەندى ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تاماق كۈلتۈرىدە بەزى ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-گۆممە يەنى ئۇيغۇرلاردىكى كۆمەچ، بۆرەك ئۇيغۇرلاردىكى پۆرە، قاتمەر ۋە گۆزلەمە يەنى قاتلىما قاتارلىق تاماقلارنى ئۇيغۇرلار كۆپ قىلىدۇ. خېمىر تاماقلىرى بىزدە بەكلا كۆپ.

ئۇيغۇر ناھىيىسى تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، تاغ ئۈستىدىكى مەيداندا ئاداق يەنى نەزىر ئۈچۈن قوي سويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ۋەدات شاھىن ئىسىملىق كىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاداق يەنى نەزىر قىلىش ئادىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.