ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئورۇنباسارىنىڭ 1944 - يىلى قىلغان سەپىرى نېمىنى كۆزلىگەن؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1941 - يىلى 22 - ئىيۇندا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئاچتى. شۇ كۈنىلا ئەنگلىيە، 24 - ئىيۇندا بولسا، ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم كۆرسىتىش نىيىتىنى بىلدۈردى ھەم كېيىنچىرەك بۇنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ئا ق ش بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلىرىگە بىنائەن قىزىل ئارمىيىگە مۇشۇ ئىككى چوڭ دۆلەت تەرىپىدىن ماددىي ياردەم كۆرسىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتالمىش ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا ئۇلاردىن گېرمانىيەگە قارشى ئىككىنچى فرونتنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت 1944 - يىلنىڭ ماي ئېيىدا فىرانسىيە يېرىدە ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گېرمان ئەسكەرلىرىگە قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى ھەم بۇ جەرياندا چوڭ چىقىملارغا ئۇچراۋاتاتتى.

1941 - يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىشقا، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەگە قارشى ھەربىي قارشىلىقى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك ئالاقىلىرىنى كۈچەيتتى. بۇ ئالاقىلەر شۇ ۋاقىتتىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ كۈنگىچە دىققەتتىن سىرت قالدى ياكى بولمىسا يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىدى. مانا شۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى فرانكلىن روزېۋېلتنىڭ ئورۇنباسارى ھېنرى ۋاللېسنىڭ 1944 - يىلنىڭ ئالتىنچى ۋە سەككىزىنچى ئايلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم خىتايغا قىلغان سەپىرىدۇر.

مەزكۇر سەپەر ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتلار قازاقىستاننىڭ مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ «خەۋەرلەر» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئۆتكەن يىلقى بىرىنچى سانىدا، يەنى تونۇلغان تارىخچى، دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ «سوۋېت ئاسىياسىغا قىلىنغان تاپشۇرۇق: ئا ق ش پرېزىدېنتىنىڭ ئورۇنباسارى ھېنرى ۋاللېس سىبىرىيەدە، ئۆزبېكىستاندا ۋە قازاقىستاندا (1944 - يىل)» ناملىق ماقالىسىدە ئېلان قىلىندى.

ئا. كامالوف كۆپلىگەن ئارخىپ ۋە مەتبۇئات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، بۇ سەپەرنىڭ مەقسىتى، ۋەكىللەر تەركىبى، ئۇلارنىڭ ماڭغان يولى، بەزى نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە تەتقىقاتچى ھ. ۋاللېس رەھبەرلىكىدىكى ۋەكىللەرنىڭ رۇسىيەنىڭ سىبىر رايونىدا، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان، موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەم خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى چۇڭچىڭدا بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف ھ. ۋاللېس باشچىلىقىدىكى ئامېرىكىلىق ۋەكىللەرنىڭ مەزكۇر سەپىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ، ھېنرى ۋاللېسنىڭ 1944 - يىلى ئا ق ش نىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئىتتىپاقداشلىرى، يەنى ياۋروپا فرونتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە ئاسىيا ئۇرۇشىدىكى خىتايغا قىلغان سەپىرى ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەردە ئادەتتىكى ھادىسە بولغان. ئامما بىر قىزىق يېرى، ئامېرىكىلىق پرېزىدېنت ئورۇنباسارىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان بۇ سەپىرى يا ستالىن بىلەن، يا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى كۆزدە تۇتمىغان. ھەتتا بۇ سەپەر داۋامىدا موسكۋاغا چۈشۈشمۇ پىلانلانمىغان ئىدى. ئامېرىكىلىق ۋەكىللەر پەقەت سىبىردىكى بىر قاتار چوڭ شەھەرلەردە ۋە ئىككى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شەھەرلىرىدە بولۇپ قايتتى. بۇ يەردە پەقەت خىتايغا قىلىنغان سەپەر رەسمىي بولۇپ، ۋاللېس چۇڭچىڭ شەھىرىدە پرېزىدېنت جاڭ كەيشى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ سەپەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ۋاللېس خىتايدىن قايتار يولىدا يا خىتاي، يا ئامېرىكا، يا باشقا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدە توختىغان.

ئۇلانباتوردا ئۇ، موڭغۇل پرېزىدېنتى مارشال چويبالسان بىلەن ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكىلىق ۋەكىلنىڭ 1944 - يىلقى تاشقى سەپىرى ‹مەركىزىي ئاسىيا پروگراممىسى› نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدە قىسقا ۋاقىت بولۇپ، ئاندىن چۇڭچىڭغا يول تۇتتى. بۇ يول ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى ئۈرۈمچىدە بولدى. يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن بۇ سەپەر ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدا ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە مۇھىم ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىلىق ۋەكىللەر تەركىبىدە ھ. ۋاللېستىن تاشقىرى دۆلەت باشقارمىسىنىڭ ۋەكىلى، يىراق شەرق ئىشلىرى بويىچە بۆلۈم ۋەكىلى ۋىنسېنتا كارتېر، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە مۇتەخەسسىس، ئا ق ش مەمۇرىيىتىنىڭ چەتئەل ئىقتىسادى بويىچە خادىمى جون نازارد، مەشھۇر ئالىم، خىتاي ۋە موڭغۇلىيە بويىچە مۇتەخەسسىس، ئۇرۇش ھەققىدە ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى، خىتاي پرېزىدېنتى جاڭ كەيشىنىڭ سابىق ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچىسى ئوئۇئېن لېتتىمور بولدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ۋەكىللەر 1944 - يىلى 20 - مايدا ۋاشىنگتوندىن چىقىپ، شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىدا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار ئايروپىلاندا ئالياسكىدىن ئۇچۇپ، سىبىرگە كەلگەن. ئۇ يەردىن ئۇلار ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا، ئۇ يەردىن ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق چۇڭچىڭغا، قايتارىدا خىتايدىن موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ھەم سىبىر ئارقىلىق ئالياسكىغا قايتقان. يول بويىدا ئۇلار ماگادان، ياكۇتسك، كومسومولسك، ئۇلان - ئۇدې، كراسنويارسك، ئاباكان، نوۋوسىبىرسك، چىتا، سېيمچان، مىنۇسىنسك ۋە باشقىمۇ شەھەر ھەم يېزىلارغا، قازاقىستاننىڭ سېمىپالاتىنسك، قارىغىنىدا ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىگە، ئۆزبېكىستاننىڭ پەقەت تاشكەنت شەھىرىگە چۈشكەن.

ئا. كامالوف بۇ سەپەرنىڭ مەقسىتى ھەم بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئا ق ش پرېزىدېنتىنىڭ ئورۇنباسارى ھېنرى ۋاللېس پەقەت خىتاي پرېزىدېنتى جاڭ كەيشى بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان سەپىرى جەريانىدا مەملىكەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى نىيەت قىلمىغان. ۋاللېس ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشتا گومىنداڭ ھەم كوممۇنىستلارنىڭ بىر پۈتۈن فرونتىنى قۇرۇش ھەققىدىكى مەسىلىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ھۆججەتلەرگە قول قويمىدى، ھەتتا جىددىي مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلمىدى. مەشھۇر ئامېرىكىلىق موڭغۇلشۇناس ئالىم ئو. لېتتىمور ئۆز ئەسلىمىلىرىدە بۇ سەپەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچىدىن، پرېزىدېنت فرانكلىن روزېۋېلت بۇ سەپەر جەريانىدا تېخى خەلقئارالىق تەجرىبىسى يوق ۋاللېسنىڭ شۇ تەجرىبىنى ئىگىلىشىنى خالىدى ھەم ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتلىق سايلامدا ھاجەت بولىدىغان ئابرۇيىنى كۈچەيتتى. ئىككىنچىدىن، روزېۋېلت، ئەكسىچە، ھ. ۋاللېسنىڭ سىياسەتچى سۈپىتىدىكى ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭدا خەلقئارا پائالىيەت تەجرىبىسىنىڭ يوقلۇقىنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى بىلىمسىزلىكىنى كۆرسىتىشنى نىيەت قىلىپ، شۇ ئارقىلىق سايلام ۋاقتىدا ئۇنى باشقا كىشىگە ئالماشتۇرۇشنى كۆزلىدى. پرېزىدېنت رۇزۋېلتنىڭ بۇ سەپەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي باھانىلىرىدىن قەتئىينەزەر، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، ھەم خىتاينىڭ قارشى ئالغان شەخسلىرى پرېزىدېنت ئورۇنباسارىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ ئاگرونوم مۇتەخەسسىسلىكىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، ئۇنى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ئوبيېكتلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتى. ئۆز نۆۋىتىدە ۋاللېسمۇ بۇنىڭغا خۇشال بولدى. ئو. لېتتىمورنىڭ ئەسلىشىچە، خىتايدا ھەتتا ئۇنىڭ ھۆكۈمەت خالىمايدىغان ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماسلىق ئۈچۈن ئەتەي ئەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن بەند قىلدۇرغان.

ئۇ، ۋاللېس پرېزىدېنت تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان بۇ سەپەرنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «1944 - يىلى باھار پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ خىتايلار ئارىسىدا پارچىلىنىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈككە يېتىش ئۈچۈن ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش مۇمكىنلىكىنى سەزگەن ئىدى.»

ھ. ۋاللېس ئۆز ئەسلىمىلىرىدە زىيارەت قىلغان شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ھاياتى، خەلقىنىڭ تىرىكچىلىكى، تەبىئەت مەنزىرىلىرى، رەھبەرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەققىدە مەلۇماتلارنىمۇ بېرىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى خەلقئارا ۋەزىيەت خېلى مۇرەككەپلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىدى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ دەۋردە ئامېرىكا ۋە خىتاي، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىچ، قارىمۇ - قارشى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇناسىۋەت 1943 - يىلى 12 - ئايدا تېھراندا بولغان ستالىن، روزېۋېلت ۋە چېرچىلنىڭ سۆھبەت يىغىنى ھەم شۇنىڭ خىتابنامىسى ئاساسىدا باشلاندى ھەم فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇلدى. خىتايمۇ ئۇ ۋاقىتتا ئىككىگە بۆلۈنگەن ئىدى. 1945 - يىلى فېۋرالدا يالتادا ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلارنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ جەرياندا ستالىن بىر تۈركۈم شەرتلەرنى قويىدۇ. ئامېرىكا ھەم ئەنگلىيە بۇنىڭغا كېلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرىستاندا غۇلجىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بار ئىدى.»

ق. غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلۇغ دۆلەتلەر ستالىننىڭ مانجۇرىيەدىكى مەنپەئىتىگە ماقۇل كەلگەن، خىتايدىن موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان، بۇنىڭغا جاڭ كەيشى نارازى بولغان ھەمدە ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىشىنى رەت قىلغان ئىدى. مۇشۇ جەھەتتە مەزكۇر دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەر خېلى قويۇقلىشىشقا باشلىغان. ئاقىۋەتتە «ستالىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلىپ، باشقا مەسىلىلەردىن ئۆزىگە پايدا كۆرگەن.»