ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى شەنبە، يەنى 24-مارت كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى فەيىرفاكس شەھەرچىسىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەزكۇر نورۇز پائالىيىتى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، ھەممە كىشى بىردەك ھالدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئالدىدا مارش ئاخىرلاشقۇچە ئۆز ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە جامائەت نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى. ۋىرگىنىيە، مارىلاند ۋە باشقا شتاتلاردىن ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە كەلگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تەييارلىغان ئانا تىلدىكى شېئىر دېكلاماتسىيەلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى كۆپچىلىككە نورۇزلۇق سالام يوللاپ، ئۇلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە؛ بۇ يىلقى نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق سىياسىي تەقىبلەشلىرىگە ئۇچراپ، ئىنسانىي ئەركىنلىكلىرىدىن ۋە ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلغان، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ، خەلق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكى، ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئامېرىكىدەك ھور دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ نورۇزىنى تەبرىكلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولغان كۈنلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
كۆپ يىللاردىن بېرى ھەر يىلى نورۇز پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بۇ يىلقى نورۇزلۇق پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانى ئادەتتىكىدىن كۆپ بولغان شۇنىڭدەك بۇ نورۇزلۇق پائالىيەتتە ياش ئۆسمۈرلەر ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھەر خىل سەنئەت، ئۇسسۇل، شېئىر دېكلاماتسىيەسى، مۇزىكا ئورۇنداش قاتارلىق تالانتلىرىنى ۋە قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىشقا كۆپرەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن.
پائالىيەتتە يەنە 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى دۇنيا يۈزلۈك «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ئاياللار نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى روشەن ئابباس ۋە سۇرەييە قەشقەرى قاتارلىق خانىم-قىزلارنىڭ پىداكارلىق روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ، ئۇلار ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم بىر قىسىم ئۆسمۈرلەر تەقدىرلەندى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يېڭى يىل، نورۇز، رامزان ۋە قۇربان ھېيتقا ئوخشاش ئاممىۋى بايرام پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.