ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىڭ توققۇز شەھەردىكى تارماق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئامېرىكىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىن ئۆزىنىڭ رايونلار ھەققىدىكى تەتقىقات ساھەسىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. شۇ قاتاردا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەركەزلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى بىردىن-بىر فاكۇلتېت دەرىجىلىك «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى» بۇ جاينى دۇنيادىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھە كىشىلىرىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بىر ئورۇنغا ئايلاندۇرغان. مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مەكتىپى جايلاشقان بىلۇمىڭتون شەھىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

19-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىلۇمىڭتون شۆبىسىدىكى «خامىلتون لۇگار خەلقئارا تەتقىقات مەكتىپى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «زور تۇتقۇن: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى رادىكال ۋە خەتەرلىك سىياسەتلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەكمۇ قىزىقارلىق ۋە يېڭى تېما بولغانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس بوۋىڭدون گاردنېر ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئون پىرسەنت كىشىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋتقان لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل لاگېرلاردا قانداق روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن «ئۇ جايلاردا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشۇ ماكان ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلايلى» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئالدى بىلەن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، دوكتور داررېن بايلېر سۆز ئالدى. ئۇ «مەن شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا دوكتورلۇق ماقالامنى يېزىش ئۈچۈن يەتتە يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم بارغانمەن. بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغانلىرىم بەكمۇ جىددىي مەسىلىلەر» دەپ سۆز باشلىغانچە بۈگۈن ئۆزىنىڭ «سۇنغان روھ: خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە تېررورلۇق كاپىتالىزمى ھادىسىسى» دېگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى باشلىدى.

داررېن بايلېرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە كاپىتالىستىك سىستېمىغا ئوخشاش غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى ۋە يەر ئاستى بايلىقى زاپاس ئامبىرى قىلىۋېلىشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخىمۇ نامراتلاشقان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ئاھالىسى بۇ خىل «گۈللىنىش» نىڭ سايىسىدا ئانچە-مۇنچە ھاللىنىپ قالغان. شۇ قاتاردا چېگرا ھالقىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئۆزىگە يارىشا پۇل تاپقان، شەھەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ تور، ئەقلىي تېلېفون دېگەنلەر بىلەن كەڭ تونۇشقان. 2013-يىلى داررېن بايلېر ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاساسەن پۈتكۈل شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقلىي تېلېفون ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان ئۈندىدار ئارقىلىق قويۇق سۆھبەت ۋە ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىندار بولۇش بىر تۈرلۈك ئېقىمغا ئايلىنىشقا باشلىغان، دىنىي تەبلىغلەردە مەسچىتلەردىكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىماملارنىڭ بايانلىرى ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى دىنىي زاتلارنىڭ ئېيتقانلىرى كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنگەن. 2014-يىللىرى ئۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارغاندا بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى دىنىي ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈشى 2014-يىلغا قەدەر ئەقلىي تېلېفونلارنىڭ ياردىمىدە تېزدىن ئومۇملاشقان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاۋازلىق سۆھبەتلەرنى تولۇق «سۈزگۈچ» تىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيىتى بەھۇزۇر داۋام قىلغان. 2014-يىلى يازدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نى جاكارلىشى بۇ ھالغا خاتىمە بەرگەن. 2015-يىلىدىن باشلاپ تورلاشقان نازارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىدە بولۇش ئىشقا ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ رايوندا تېررورلۇق ئامىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بۇ خىل تېخنىكىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىشنى داۋام قىلغان. داررېن بايلېر شەخسەن سۆھبەتتە بولغان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى، جۈملىدىن ھەسەن قاتارلىقلار بىردەك ئۇنىڭغا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىۋى تۈۋرۈك بولغان دىنىي ئېتىقادنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ بەرگەن. بۇ يۈزلىنىش چېن چۇەنگو يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئاشكارا ھالدا ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراشقا باشلىغان، شۇنىڭدەك ئۇلارغا «سىياسىي» جەھەتتىكى «ئىشەنچلىك» دەرىجىسى بويىچە نومۇر قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئالدىن پىچىلغان. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە «ئىشەنچسىز» بولۇپ چىققان «ئون پىرسەنت ئۇيغۇر» لاگېرلارغا قامالغان. بۇ لاگېرلار بولسا «ئوتتۇراھال مۇھاپىزەت» دەرىجىسىدىكى تۈرمىلەرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نازارەت، ھاقارەت ۋە زۇلۇم ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئېغىر.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ۋە رېئاللىقتىكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ب د ت ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تەبىرلىرىنى تەپسىلىي مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ساھەسىدىكى كرىزىسلارغا قاراپ چىقتى ھەمدە مۇشۇ ساھەلەر بويىچە قولغا ئېلىنغان ئونلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى خۇلاسىلىگەندە ھازىرقى لاگېرلاردىن باشلانغان زور تۇتقۇن ھادىسىسىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا پۈتۈنلەي بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن روس خۇلمان تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور تىم گروس سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇنبەرلەردە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ھەمدە بۇ جايلارنى «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتىپى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان مەلۇماتلاردىن بۇ لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ «سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەرگە مەجبۇرىي يوسۇندا ھەمدە توۋا قىلدۇرۇش شەكلىدە خىتاي دۆلىتىنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈش ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئىكەن.

تىم گروسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم «ئىدىيەۋى كېسەل چاپلاشقان» كىشىلەر بار دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ «كېسەل» كىشىلەر دەل ئاشۇ خىل «نۇقتىلىق كىشىلەر» ئىكەن. بۇ خىل «نۇقتىلىق» كىشىلەر دىنىي ئېتىقادقا ئىگە، چەتئەل بىلەن باغلىنىشى بار كىشىلەردىن تارتىپ سىياسىي جەھەتتە «ئىشەنچسىز» بولغان رەھبىرىي قاتلامدىكى كادىرلارغىچە بولغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ھال مەلۇم جەھەتتە 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ پومېشچىك ياكى ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەندەك «تەركىب» لەرگە ئايرىلغىنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار تاشقى قىياپىتى ۋە ئىدىيەۋى ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان «تەركىب» لەرگە ئايرىلغان. بۇ خىل تەركىبلەردىكى «كېسەل» كىشىلەر بولسا چوقۇم «كېسەل» ھالەتتىن ساقىيىپ چىققۇچە «مەكتەپلەر» دە داۋالىنىشى لازىم، دەپ قارالغان. شۇنىڭدەك بۇ خىل «كېسەل» نىڭ تاشقى ئىپادىلىرى بولغان ھېجاپ، ساقال-بۇرۇت، ھەتتا ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرىمۇ مەنئى قىلىنىشقا باشلىغان.

ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي ئەھۋالنى ئومۇملاشتۇرۇپ «نۆۋەتتە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان پۇقرالىرى ‹تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش بەلۋىغى› دا ياشاۋاتىدۇ. ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ باشلىغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ تەسۋىرلەپ بەردى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە لاگېرلاردا قانداق كۈلپەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خانىۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى غوللۇق شەخسلەرنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى ئالىم بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە داۋۇت، كۈرەش تاھىر قاتارلىقلارنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس شۇ قاتاردا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا چاقىردى ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇمكىن بولغان قولايلىق شارائىتنى يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى. ئاندىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فۇرقەت جاۋدەتنى سۆزگە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەچمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

فۇرقەت سۆزگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ھازىر ئەڭ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغىمۇ ئورتاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ھازىر ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىيسى ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، چۈنكى چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدۇل لاگېرلارغا كېتىپ قالىدىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭمۇ شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىدىن مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق روھىي ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشنى سورىدى، شۇنداقلا ئۇلاردىن يۈز بەرگۈسى زور پاجىئەگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقنى ئىلتىماس قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى تۈرلۈك تېمىلار بويىچە سوئاللار سورىدى. مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تېگىشلىك جاۋابلارنى بەردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ھەرقايسى كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار، شۇنىڭدەك ۋىرىگىنىيە ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.