ئانا تىل ھەققىدە قەترىلەر

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.02.15
abdurehim-heyt-youtube.jpg ئەل سۆيگەن مۇزىكانت، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «دۇتار شاھى» دەپ ئاتالغان سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندى.
Social Media

«ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان، ئۇيغۇر تىللىق ئەسەرلەر چەكلەنگەن ياكى يىغىپ كېتىلگەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تىلى بوغۇلغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق پىكىر يۈرگۈزگىنىمدە ۋۇجۇدۇمنى ۋەھىمە باسىدۇ،» دەيدۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە بەلكىم بۇ تۇيغۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاپ تۇرغۇچى بارلىق ئۇيغۇر تەپەككۇر ئىگىلىرىگە ئورتاق بولسا كېرەك.

مەمتىمىن ئەلانىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ تور كېزەردىن ئانا تىل ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلارنى ئىزدەۋېتىپ ئاپتورىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھلەنمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە پۈتۈلگەن مۇنۇ مىسرالار دىققىتىمنى چەكتى.


تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ،

يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

يارالمىش قىسسىسى پۈتۈلگەن چاغدا،

تەۋرىگەن قەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

شۇنىڭغا ئوخشاش قەترىلەر قاتارىدا بۇ مىسرالارمۇ جۇلالىنىپ تۇراتتى. 

ئالەمنىڭ ھېكمىتى پۈتۈلگەن تىلغا،

مەن ئۇيغۇر تىلىمنى قويىمەن يانداش.

سىنادا مۇراجىئەت قىلغاندا مۇسا،

بوۋام نەپەسلىرى بولغان زامانداش.


كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋائىي بۇندىن بەش ئەسىر مۇقەددەم ئانا تىلنى ئۇلۇغلاش ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن بولسا، قۇتلۇق شەۋقىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇندىن تەخمىنەن يۈز يىل ئىلگىرىلا ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن ئىكەن.

قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «ئانا تىل» ناملىق شېئىردا ئانا تىل سۆيگۈسىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن بايان قىلىدۇ.


ئانا تىل
قۇتلۇق شەۋقى


ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل بولسا ئەگەر ئامېرىكا-يۇ، ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.


تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەرھۇم شائىر قۇتلۇق شەۋقى 1876-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە 1937-يىلى شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، 1938-ئۆكتەبىردە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.

قۇتلۇق شەۋقى يۇقىرىقى شېئىرلىرىدا بايان ئەتكەن پەند-نەسىھەتلىك مىسرالار، 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت تەرىپىدىن ناخشا قىلىپمۇ ئېيتىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر تىلى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىرىسقا يولۇقۇۋاتقان زامانىمىزدا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىن؟ 

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ھاياتىم» دەپ سۆزىنى داۋام قىلغان تاھىر ھامۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا زور زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر ئىجات قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.