«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» ئۇيغۇرلاردا قۇتلۇق بايرام كۈنىگە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىل جانلىق ئىستېمالدىن قالغاندا، باشقا بىر تىلغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تىل، يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى ھەر ساھە بويىچە كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنى كۈچەيتىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا زور بېسىم ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپتىن ئاستا- ئاستا سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش بوشلۇقى بارغانچە تارايماقتا، بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىگە، ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلۈش بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا، كەلگۈسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ بۇرچىغا ئايلاندى.

ئەنە شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 16-قېتىملىق خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداشنى تېما قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر جانلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مىسال ئالساق، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا «ئانا تىل» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى مەكتەپلەر شۇ كۈنى يۇقىرى، تۆۋەن يىللىقلار بويىچە دوسكا ئىملاسى، دەپتەردىكى خەت ئىملاسى ۋە كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆسن خەت يېزىش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «ئانا-تىل» غا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى شەرھلەپ، ئۆزلىرى يېزىپ چىققان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى جانلىق، ھېسسىياتلىق، ئاھاڭدا دېكلاماتسىيە قىلىش، چۆچەك، مەسەل، ۋە ئىتوتلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ كۈننى قۇتلۇقلىدى. ئاخىرىدا، دوسكا ئىملاسى، دەپتەردىكى خەت ئىملاسى ۋە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى كىتاب بىلەن مۇكاپاتلىغان. پائالىيەت داۋامىدا، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار «ئانا تىل» ئوقۇتۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ھەر ساھەلەردە تۈرلۈك شەكىل ۋە مەزمۇنلاردا ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپلەپ تارقىتىلماقتا. ھەتتا ئۈندىدار ۋە مىكروبلوگلارمۇ ئانا تىل كۈنى مەخسۇس تېمىلارنى ئېلان قىلغان ۋە توپلۇقلاردا ئۆز ‏- ئارا بۇ بايرامنى قۇتلۇقلاش ئۇچۇرلىرى قاپلىغان.

ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى سورىسىڭىز، بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۆزى پەقەت ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە بولسىمۇ، ئەمما 21-فېۋرالنىڭ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئانا تىلنى قوغداشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كاتىپلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭمۇ 21- فېۋرال كۈنىنى دوستلىرى بىلەن ئائىلە بويىچە بىللە ئۆتكۈزۈپ بىر ‏- بىرىگە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سوغا قىلغانلىقىنى، ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دۇنيا ئانا تىلى بايرىمىنى قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنىڭ، ئۇيغۇر تىلنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ بىلىدىغان پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرچە تارقىتىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تور بەتلەردە يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداش تېمىسىدىكى تور ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت، تارىخ، بەس مۇنازىرە، دوستلۇق كۆۋرۈكى، شېئىرىيەت سالونى، ئىجادىي ئەسەرلەر، رەسىملەر، ناخشا ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلىپبە، لۇغەت ئېلكىتابلار تېخىمۇ موللاشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئايال، ھازىر ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭمۇ تۇرمۇشىدا ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان دائىرىدە، ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇندىدۇر ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭمۇ ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئانا تىلىدا تەربىيىلەش توپلۇقى قۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدا يىللاردىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ھەر قانداق ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ قوش تىلدا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بولۇپمۇ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش مەقسىتىدە قىلغان خالىسانە ئەمگەكلىرى بىلەن، بۈگۈنكى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ يۈكسەك قىممىتىنى نامايان قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئانا تىلى ۋە ئانا تىل كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا بايرامنى زور ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىمۇ تېلېفوندا، ئۇندىداردا، ۋە كومپيۇتېردا ئۇچۇر يوللاشتەك تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئىشلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ ۋە بۇ خىل كەيپىيات بارغانچە ئومۇملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ئايال يەنە «ئەڭ ئاددىيسى خىتايلار بىلەن خىزمەت قىلىش، ئۇچرىشىش جەريانىدا سان جەھەتتىن بىز ئۇلاردىن كۆپ بولساقمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىمىزدىن خىتايچە سۆزلەشنى تاللايمىز. دۆلىتىمىز قوش تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن، بىز ئۇلاردىن خىتايچە ئۆگىنىپ، خىتايچە سۆزلەپلا قالماي، ئۇلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتسەكمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇرلار كۆپ يەردە ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىسۇن» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بد تورىدا كۆرسىتىلىشىچە دۇنيادا ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مىللىي تىللار، كۈچلۈك تىللارنىڭ «يەرشارىلىشىش» ۋە «ئىنتېرنېت» نىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ھازىر دۇنيادا 7000 خىلدىن ئارتۇق تىل بار بولۇپ، ب د ت ئەمەلدارى سىمىسنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيادىكى يېرىمدىن ئارتۇق تىللار يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىل يوقالماقتا ئىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە زور مەبلەغ بىلەن تەدبىر قوللانمىغاندا، يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەر شارىدا پەقەت بىر نەچچە يۈز خىل تىللا مەۋجۇت بولۇپ قالىدىكەن.

جۈملىدىن خىتايمۇ كۆپ مىللەت، كۆپ خىل تىللار مەۋجۇت دۆلەت بولۇپ، خىتايدىن باشقا يەنە 55 مىللەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ %8.5 نى ئىگىلەيدۇ. خىتاي مىللەتلەر تىل، يېزىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى سۇن خۇڭكەي پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىتايدا بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ بىلگەن بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ياش ئەۋلادلارغا ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەردە توختىماي ئىزدەنمەكتە ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يار بېرىشىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بىر بايرام بولۇپ شەكىللىنىشى دەل بۇنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.