كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى كۆپ ئويلاندۇرىدىغان ۋە تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مىللىي مائارىپ تەقدىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىگە، مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا، ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشنىڭ، ھۆرمەتنىڭ، شۇنداقلا مىللىي قەدرىيەتلەرنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مەسىلەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-ۋە 90-يىللار ئارىلىقىدا گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكىمۇ ئەنە شۇ مىللىي مەكتەپلەرنىڭ تەقدىرىگە باغلىق بولماقتا.
بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق ياش يازغۇچىلار نېمە ئويلايدۇ؟ ئۇلارنى نېمە تەشۋىشلەندۈرىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە تونۇلغان قازاقىستانلىق ياش ئىجادكارلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
مولۇتجان توختاخۇنوف: «ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېپىلىدىغان بولسا، دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ پاجىئە بولۇشى ئېھتىمال»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى ياركەنت شەھىرىنىڭ گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ئانا تىلى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تۈپ يىلتىزى بولۇپ، مۇبادا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ، يېپىلىدىغان بولسا، بۇ پەقەت قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ پاجىئە بولۇشى ئېھتىمالدۇر. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ ئۆزگە تىلدا ئوقۇغان بالىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى سۆز جەھەتتىلا بولۇشى مۇمكىن. ئامما ئۇنىڭ ئۆز سەنئىتىگە، ئەدەبىياتىغا، تارىخىغا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگىرىدۇ. ئۇ مىللىي تەربىيە ئالمىغاچقا ئۆزىنىڭ مىللىيلىكىنى يۈز پىرسەنت ساقلاپ قالالمايدۇ. ئومۇمەن بىزنىڭ كىملىكىمىز ئانا تىلىمىزغا باغلىق. ئەدەبىياتىمىزغا كېلىدىغان بولساق، ئۆزگە تىلدا ئوقۇغان بالا ھېچ قاچان ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇمايدۇ. ھەر قانداق شائىر-يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنى بولمىسا، ئۇ تەرەققىيات تاپالمايدۇ. ئاتاقلىق يازغۇچى دولقۇن ياسىن شۇنداق دىگەن: «خەلقى بارمۇ، دېمەك شائىر ئۆلمەيدۇ».
م. توختاخۇنوف ئۆز سۆزىدە ئانا تىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى، كېلەچىكى، ئۇنىڭ كىملىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
شائىرەم باراتوۋا: «ئانا تىلىدا بېرىلىۋاتقان بىلىم ئانا سۈتى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئاللىقاچان ۋاقىت يەتتى»
ئەمدى ئالماتادىكى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شائىرەم باراتوۋا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى تارىخىنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى شارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلاردىن كېلەچەكتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىقىش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«مىللىي بىلىم بېرىۋاتقان دەرگاھلارنىڭ بۈگۈنكى مۈشكۈل ئەھۋالى، يەنى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كەسكىن قىسقىراشقا ئۇچرىشىشى بىزنى تەشۋىشلىنىشكە، ئەنسىزچىلىككە ئېلىپ كەلمەكتە. بۈگۈن ئۆزگە تىلدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئومۇمەن ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىدىن، ئەدەبىياتىدىن، سەنئىتىدىن مەھرۇم بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ مەسىلە، بىرىنچىدىن، ئاتا-ئانىلارغا باغلىق، دەپ ئويلايمەن. ئانا تىلىدا بېرىلىۋاتقان بىلىم ئانا سۈتى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئاللىقاچان ۋاقىت يەتتى. يەنى ئۆز پەرزەنتىنى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچكەن شەخس ئۆز ئانىسىنىڭ ئاق سۈتىنىمۇ شۇ قەدەر تۆۋەن باھالايدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ».
ش. باراتوۋا يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئەھۋال مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي جەھەتتىن نامراتچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، مەنىۋى تۇيغۇدىن كەمبەغەللەشكەن ھەر قانداق ئىنساننىڭ تىرىك-ئۆلۈك بولۇپ ھايات كەچۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا مۇنداق ماڭقۇرتلاشقان ئەلدىن ھەتتا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ چىقىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بۇ پەرزەنتلەرنى ئانا تىلىدا ئوقۇشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف: «ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر باشقا تىللىق مەكتەپلەردىن كەم ئەمەس»
ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قازاق تىلى مۇئەللىمى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بەزىلىرى بالىلىرىمىز ئۆزگە تىللىق مەكتەپلەردە ياكى سىنىپلاردا ئوقۇتۇش سىستېمىسى يۇقىرى، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈش ئاسان دەپ، كالتە ئويلىماقتا. ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرمۇ باشقا تىللىق مەكتەپلەردىن كەم ئەمەس. بۇ يەردە پەقەت قەلبىمىزدىكى مىللىي غۇرۇرغا باغلىق مەسىلە. ئىككىنچىدىن، مۇشۇنداق كەمچىلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەم ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى قىسقارتىلدى. شۇنىڭ تەسىرىدىن پروگراممىلار يېڭىلىنىپ، يەنى قىسقارتىلىپ، ئاتالغان پەنلەر بويىچە، شۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات پەنىمۇ ئازايدى. ئەمدى كېيىنكى يىللىرى دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىجتىمائىي تورلارنىڭ ئاممىۋى راۋاجلىنىشىدىن كىتاب ئوقۇش دەرىجىسى تۆۋەنلىدى. ئېنىق ئېيتقاندا، شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلار سىرتتىن ئوقۇمايدۇ، يەنى خەۋەرسىز قېلىۋاتماقتا. مەكتەپتە ئۆزۈم باشقا تىلدىن دەرس بەرسەممۇ، ئەدەبىياتقا يېقىن بولۇشۇم تۈپەيلى قولىدا قەلىمى بار بىر قاتار ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆتىمەن. ئومۇمەن، بۈگۈنكى ئانا تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ ئاساسىدىن چىقىش ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى پەقەت ئاممىۋى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرگە جەلپ قىلىشىمىز لازىم».
ۋىليام مولوتوف: «ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان ھالەتتە مەدەنىي بۆھرانچىلىق يۈز بېرىدۇ».
شائىر ۋىليام مولوتوفمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ سۆزسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كېلەچىكىگىمۇ ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان ھالەتتە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇش قىسقىرايدۇ، مەدەنىي بۆھرانچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، كىتابخانلىرىمىزنىڭ سانى ئازىيىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قىسقىرىشى، ئومۇمەن، ئەدەبىياتقىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىغىمۇ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ».
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تەقدىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئايرىم جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يۇرت-جامائەت ئۈچۈن جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا.