21-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا 6-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى.
بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
ئابدۇلھەمىت قاراخانى ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، «مۇھاجىرەت ۋە ئانا تىل -ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ مۇھىملىقى، قوغداش تەدبىرلىرى ۋە مەسىلىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە، ئانا تىل چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، قىزىقىۋاتقانلىقىنى، ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە نېمە ئۈچۈن ئانا تىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
يىغىن جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق پەخرى رەئىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تەبرىك سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى، «يېڭى چىققان كونا گەپ، دېمەكتىمەن كۈندە خەپ» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەرنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە تەكلىپلەر بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى. يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىشى بىلەن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا«100 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى»، «تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى لۇغەتلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىغا نەزەر»، «نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر» ۋە «ئۇيغۇر تارىخىدا خوجىلار دەۋرى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەندى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سابىق رەئىس ئابلەت تۇران يىغىندا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.
بىز بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.