ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمى - «ئەي ئانا ۋەتەن! يىراق سۈرگۈنگاھ» نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئەي ئانا ۋەتەن! يىراق سۈرگۈنگاھ» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىر توپلىمى يېقىندا نەشر قىلىنىپ، توردا تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى فونېم مېدىئا، ناملىق نەشرىيات ئورگىنى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا ئاپتورنىڭ يېقىنقى 20 يىللىق ئىجادىيىتىدىكى شېئىرلاردىن تاللانمىلار كىرگۈزۈلگەن.

ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۈزگۈچىلىك شۇكى، ئۇ ئۇيغۇر قەدىمىي ئەجدادى بىلەن، 19 - ئەسىردىكى فرانسۇز شائىرى ۋە تەنقىدچى ستېفان ماللارمې، ئارتور رىمبائۇد قاتارلىق شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانالدۇر. ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئامېرىكىلىق شائىر جېفرىي ياڭ بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمى، غەرب دۇنياسىدا نەشر قىلىنغان بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ قالدى. توپلامغا ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىدا يازغان ئاز دېگەندە 60 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.

نۆۋەتتە، كانادادا ئولتۇرۇشلۇق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ 1982 - يىلى سۈرىيەگە ئوقۇشقا چىقىشى ئۇنىڭ مودېرنىزم ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپ، گۇڭگا شېئىرىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىرىشىنىڭ يولىنى ئاچقان. بىز ئۇنىڭ «ئەي ئانا ۋەتەن! يىراق سۈرگۈنگاھ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەخمەتجان ئوسمان: ئەرەبچە 6 پارچە كىتابىم چىققان مېنىڭ ھازىرچە، ئۇيغۇرچە ئىككى، ئىشقىلىپ شۇلاردىن تاللاپ كىرگۈزگەن توپلامغا. لېكىن ئۇيغۇرچىسى بىر ئاز ئازراق، كۆپىنچىسى مۇشۇ ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن يەنىلا بەزىدە مەن ئەرەبچە يېزىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ ئۆزۈم ياكى ئۇيغۇرچە يېزىپ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ قويغان مۇنداق ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان شېئىرلارمۇ بار.

مۇخبىر: بىر تىلنىڭ ئەڭ سۈزۈك، ئەڭ نازۇك تەپەككۇر شەكلى. ئۇنىڭدا چوڭقۇر ھېسسىيات بولىدۇ، رىتىم، ئاھاڭدارلىق بولىدۇ. شۇڭا، شېئىرنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىش مۈشكۈل. سىلەر بۇ شېئىرلار توپلىمىنى ئامېرىكىلىق شائىر جېفرېي ياڭ بىلەن بىرگە تەرجىمە قىلدىڭلار. شېئىرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئورىگىنالى ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلەش جەھەتتە قانداق مەسىلىلەر بار؟ قانداق تەرجىمە قىلىنىدۇ بۇ؟

ئەخمەتجان: ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنىڭ بەزى پەرقلىرى بار. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئىنگلىزچىدا يوق ياكى ئوخشىمايدۇ، پەرقلىق. مۇشۇ پەرقلەرگە كەلگەندە بەزى شېئىر ۋە جۈملىلەرنىڭ، بەزى ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى ئەسلى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن پەرقلىق چىقىدۇ. بۇ يەنە ئىككى تىلنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭ تەرجىمە جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە، ئىنگلىزچە ئەقلىيلىغى بىر ئاز كۈچلۈك تىل ئىكەن. ئۇيغۇرچە ھېسسىيلىغى كۈچلۈك تىل. بۇمۇ يەنە بىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىمىزگە باغلىق ئىكەن. مەسىلەن، «خائىن تاغلار» دېگەن مېنىڭ بىر شېئىرنىڭ ماۋزۇسى. ئۇنى «خائىن تاغلار» دەپ تەرجىمە قىلمىدى، جېفرىي ياڭ. «خائىن تاغلار» دەپ ئەينەن تەرجىمە قىلىنسا، بۇ ئىنگلىزچىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىبارە بولۇپ قالىدىكەن. ئۇيغۇرچىدىكى «خائىن تاغلار» بىر خىل سىمۋوللۇق سۆز. لېكىن بۇ ئىنگلىزچىغا بۇنداق ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، ئىنگلىزچىدا تاغ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەسلى لۇغەت مەنىسىنى ساقلاپ قالىدىكەن. لېكىن بىزنىڭ ئاساس قىلغان شەرت ئەسلىدىكى ئۇقۇملارنى ساقلاپ قېلىش. لېكىن بۇنىڭغا ئەمەل قىلماق تەسكەن.

مۇخبىر: ئۆز ۋاقتىدا گۇڭگا شېئىرىيىتى ئوتتۇرىغا چىققاندا نۇرغۇن قارشىلىقى قىلغانلار چىققان. ئۇ چاغدا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا گۇڭگا، دەپ ئىسىم قويۇلۇپ قالدى؟

ئەخمەتجان ئوسمان: گۇڭگا، دېگەن سۆزنىڭ قويۇلۇپ قېلىشى، ئەمدى بۇنى جېفرىي ياڭمۇ مەندىن سورىغان، سىلەر باشلىغان بۇ ئېقىم نېمە ئۈچۈن گۇڭگا، دەپ ئاتالغان، دەپ. بۇنىڭ خىتاي شېئىرىيىتىدىكى گۇڭگا بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ياكى سىلەر خىتاي گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمۇ، دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان. مەن سىزگە بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن گۇڭگا، دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنىڭ تارىخىي، دەپ بېرەي. مەن 1986‏- يىلى سۈرىيەدىن ئۈرۈمچىگە تەتىل قىلىپ كېلىپ، ھازىرغىچە ئېلان قىلمىغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىمنى كۆتۈرۈپ كېلىمەن. بۇ شېئىرلارنى مەنمۇ ئۇ يەر، بۇ يەرگە ئەۋەتىپ باققان، لېكىن بېسىلمىغان. «تارىم» ژۇرنىلى، دېگەندەك ژۇرناللارغا ئەۋەتكەن. ھەتتا مېنىڭ يادىمدا بار، رەھمەتلىك ئوسمانجان ساۋۇتقا مەن « سادىر يېتىم قالغان 5 بالىسىنى ئىزدەپ» دېگەن شېئىرىمنى ئەۋەتكەن ۋاقتىمدا، ئوسمانجان ساۋۇت ئۇ شېئىرىمنى ماڭا دېگىنىدە، تارتمامنىڭ ئەڭ تۆۋەن تىقىۋەتكەن، ئەنسىرەپ. مۇشۇنداق شېئىرنى قانداق ئەۋەتىسىز قورقماي، بىز قانداق باسىمىز «تارىم» ژۇرنىلىغا دېگەن. مۇشۇ مەزگىلدە مەن بىر يۈرۈش شېئىرلىرىمنى «تەڭرى تاغ» ژۇرنىلىغا بەردىم. بۇ شېئىرلار «تەڭرى تاغ» ژۇرنىلىنىڭ سىناق سانىغا بېسىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ يادىمدا بار ئابدۇكېرىم غوجايۇپ چاقىرتىپتىكەن ئۆيىگە بېرىپ پاراڭلاشتىم بۇ شېئىرلار ۋە ئۇ - بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە. ئابدۇكېرىم غوجايۇپ ماڭا، بۇ شېئىرلارنى گۇڭگا دېسەك بولىدۇ، دەپ شۇنداق دېگەن. بۇ مېنىڭ گۇڭگا، دېگەن ئاتاقنى تۇنجى ئاڭلىشىم.

مۇخبىر: بەزى باھالىغۇچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىدا قەدىمىيلىك بىلەن ھازىرقى زامان ئوتتۇرىسىدا بىر قانال ئېچىشقا تىرىشقان، دەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ رونالد بارتېست، مالارمې، رىمبائۇد قاتارلىق شەخسلەر بىلەن، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا قانال قۇرماقچى بولغان. بۇ پىكىرلەر سېنىڭ شېئىرىيەتكە سىڭدۈرمەكچى بولغان ئىدىيە، پىكىرلەر بىلەن ماس كېلەمدۇ؟

ئەخمەتجان: ماس كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭكى شامانلىق، ئىسلامىيەت ۋە ھازىرقى زامان تەپەككۇرىغىچە، دېگەن باھالىرىدىمۇ مېنىڭچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بىر پۈتۈنلۈكتە قاراش ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە قويۇپ قاراشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر خىل ئۇيغۇر تەپەككۇرىنىڭ تارىخىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ۋە ھازىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايقاش ئارقىلىق دۇنيا تەپەككۇرى بىلەن بولغان يېقىنچىلىقى ياكى يىراقچىلىقىنى كەشىپ قىلىشتەك مۇشۇنداق ئىزدىنىشلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئەڭ ئاددىي تىل بىلەن، ئەڭ ئاددىي ئۆرنەك بىلەن ئالغاندا ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ نېگىزلىك پەرقى ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا. ئەنئەنىۋى شېئىرلار كىتابخانلاردىن شائىرنىڭ تىلىدىن بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭىچە شېئىرلار كىتابخانغا ئويلاشنى ئويلىنىشنى ۋە ئۆزى ئوقۇۋاتقان شېئىرنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشنى، ئەسەرگە يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاتا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇخبىر: ئەسەرلىرىڭنى ئوقۇغاندا كىشى ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىدا ئىپادىلىگەن پىكىر ئۇيغۇرلاردىكى قەدىمكى شامان روھىي، ئىسلامىي كىملىك، بۇ كىملىك بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە كىرىش باسقۇچىدىكى بىر خەلقنىڭ ئەندىشىلىرىنى، ئىزتىراپلىرىنى، ئىزدىنىش، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىكلىرى پەيدا قىلغان روھىي ھالەتنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىدۇ، دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ.

ئەخمەتجان ئوسمان: ناھايىتى ياخشى ئىپادىلىدىڭ. بۇ ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىنى باشقا بىر خىل ياخشى ئىپادىلەش تەبىرى بولدى، سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز. بۇ ماڭا يەنە بىر نەرسىنى ئەسلىتىپ قويدى. كورىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن. شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورىنىڭ يازغان بىر ماقالىسى بار ئىكەن. شۇنىڭدا قويغان پىكرىدە «ئۆزىگە تىكىلىپ قاراش» دېگەن تەبىرنى ئىشلىتىپتىكەن. دېمەك، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە تىكىلىپ قاراش، ئۆزىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت، دېگەن.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت سىزگە ئەخمەتجان ئەپەندى، ناھايىتى كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالدۇق، سالامەت بولۇڭ، خەير-خوش!