پارىژدىكى خەلقئارا ئاسارە ئەتىقە سودا بازىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر پارچە قەدىمىي سۈرەت سېتىلغان

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، 8-ئاپرېل فىرانسىيە پايتەختى پارىژ 9-رايوندىكى «داغۇ خەلقئارا ئاسارە ئەتىقىلەر بازىرى» دا ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر پارچە قەدىمىي سۈرەت سېتىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارىژ 9-رايوندىكى مەزكۇر ئاسارە ئەتىقىلەر سودا بازىرىدىكى بايجان خانىم ئۇيغۇرلارغا دائىر سۈرەت ھەققىدە توختىلىپ:«بۈگۈن بازاردا يىپەك شايى رەختقە چۈشۈرۈلگەن، ساز چېلىپ ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى» دېدى.

يىپەك شايى رەختگە چۈشۈرۈلگەن، دۇتتار چېلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىغا قاتناشقان، ئۇزۇندىن بىرى پارىژدىكى ئاسارە ئەتىقە سودا مەركىزىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن ئەخەت ئەلى ھاجىم مەزكۇر سۈرەت ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

ئەخەت ئەلى ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پارىژ 9-رايوندىكى قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەر سودا بازىرى خەلقئارادىكى ئەڭ بۈيۈك سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ھەر كۈنلۈكى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئاسارە ئەتىلىقەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر توكيودىكى قەدىمقىي ئاسارە ئەتىقە سودا مەركەزلىرىگىمۇ قەدىمىي ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆپلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر گىلەملىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، رەڭدارلىقى ۋە ئۆزگىچە توقۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن ياپونىيەگە كەڭ تونۇلغان.

پارىژدىكى ئاسارە ئەتىقىلەر سودىگىرى ئەخەت ئەلى ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سودا بازىرىدا يەنە تىبەتلىك سودىگەرلەر ئۆزلىرىگە ئائىت ئاسارە ئەتىقىلەرنى كۆپلەپ سېتىۋالىدىكەن.

پارىژ 9-رايوندىكى مەزكۇر خەلقئارا ئاسارە ئەتىقىلەر بازىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا قەدىمقىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «تەزكېرەئىي ئەۋلىيا» ناملىق كىتابنىڭ كوپىي نۇسخىسى بايقالغان بولۇپ، ھازىر بىر قىسىم ئاسارە ئەتىقە سودىگەرلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان تارىخىي كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پارىژدىكى شەرق تىللىرى مەكتىپىنىڭ تۈركىي تىللار كافېدراسىنى باشقۇرغان فرانسوز شەرقشۇناس ئېتېن كاترېمېر 1841-يىللى پارىژدا «شەرقىي تۈرك ئەدەبىياتى خرېستوماتىيەسى» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى نەشر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ناۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ۋە «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.