ئاستانادا دۇنياۋىي ۋە ئەنئەنىۋىي دىنلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.06.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qazaqistan-turkiy-xelqliri-yashliri-qurultiyi.JPG تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەھمەت داغدۇران سۆزلىمەكتە. 2014-يىلى 18-يانۋار، ئالماتا.
RFA/Oyghan


يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە دۇنياۋىي ۋە ئەنئەنىۋىي دىنلارنىڭ 5 - قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. دۇنياۋىي ۋە ئەنئەنىۋىي دىنلارنىڭ ئىلگىرىكى قۇرۇلتايلىرىمۇ ئەنە شۇ ئاستانادا ئۆتكەن بولۇپ، 1 - قۇرۇلتاي قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2003 - يىلى ئېچىلغان ئىدى.

تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك سارىيىدا ئۆتكەن «دىنىي لىدېرلار ۋە سىياسىي ئەربابلارنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات سۆھبىتى» تېمىسىدىكى 5 - قۇرۇلتايغا 42 مەملىكەتتىن 80 ۋەكىل قاتناشتى. ئۇنىڭ باشلىنىش مەجلىسىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن، فىنلاندىيە پرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستيو، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى باش كاتىپىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇراھمان بېن ئابدۇللا ئاززەيد ۋە باشقىلار سۆزلىدى. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدا شۇنداقلا ئىئوردانىيە پادىشاسى 2 - ئابدۇللا، ئېفىئوپىيە پرېزىدېنتى مۇلاتۇ تېشومې، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى لامبېرتو زانيېر قاتارلىق شەخسلەرمۇ بار.

قۇرۇلتاي ئىككى ئومۇمىي مەجلىستىن ۋە «دىنىي ۋە سىياسىي ئەربابلار: ئىنسانىيەت ئالدىدىكى جاۋابكارلىق»، «دىننىڭ ياشلارغا تەسىرى: بىلىم، ئىلىم، مەدەنىيەت ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى»، «دىن ۋە سىياسەت: يېڭى پىكىرلەر ۋە كېلەچەك»، «دۇنياۋىي ۋە ئەنئەنىۋىي دىنلار لىدېرلىرى ئارىسىدا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئۇيغۇنلۇق ئۈچۈن ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدىكى سۆھبەت» دېگەن تېمىلاردىكى تۆرت بۆلۈم يىغىنلىرىدىن تەركىپ تاپقان.

ئىككى كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر قۇرۇلتاي يەكۈنى بويىچە بەش ماددىدىن تەركىب تاپقان ھۆججەت ئىمزالاندى. ئۇنىڭدا ھەربىي توقۇنۇشلارنى ۋە پۇقرالارغا قارشى زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ھۆججەت كىشىلەر ئارىسىدا دىنلار ئارا بۆلگۈنچىلىكنى كۈچەيتىۋاتقانلارنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشىنى توختىتىش، دېگەن ماددىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«خابار» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى مۇھاكىمە قىلغان ئەڭ جىددىي ۋە مەركىزىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان. ئاستانا ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن 16 ماددىنىڭ ئىچىدە ن. نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسلىرىمۇ بار بولۇپ، پرېزىدېنت بارلىق ھەربىي توقۇنۇشلارنى توختىتىش، دىنلار ئارا بۆلگۈنچىلىكنى تۇتاشتۇرۇشتا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشقا قارشى تۇرۇش، كەمبەغەلچىلىك، ئاچارچىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ۋە باشقىمۇ تەكلىپلەرنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دىنلار، خەلقلەر ۋە مەملىكەتلەر ئارا تىنچلىق ۋە رازىمەنلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشتە بىر - بىرىمىزگە قاراپ يەنە بىر قەدەم باستۇق. ئىككى كۈن مابەينىدە قازاقىستان پايتەختىدىن ھەر خىل تىللاردا ۋە ھەر خىل ئەنئەنىلەردە تىنچلىق، رازىمەنلىك، ئادالەتلىك، يېقىن ئادىمىمىزگە بولغان كەچۈرۈمچانلىق ۋە مۇھەببەت توغرىسىدا بىر ئومۇمىي دۇئا ئاسمانغا كۆتىرىلدى. مەن ھەر خىل دىنلار ۋەكىللىرىنىڭ خۇداغا قىلغان ئۆز مۇراجەتلىرىدە، بىزنىڭ قازاقىستانغا گۈللىنىش ۋە بەخت تىلىگەنلىكىگە مىننەتدارمەن، كۆپ رەخمەت.»

پرېزىدېنت قۇرۇلتاي يەكۈنىنى چىقىرىپ، چوڭ ئىلمىي ۋە تەتقىقات ئىشىنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئاستانا شەھىرىدە تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك مۇزېيىنى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ئايدوس سارىم مەزكۇر قۇرۇلتاي يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتسام، مەن ئۈچۈن بۇ چۈشىنىكسىز بىر يىغىن. شەخسەن ئۆزەم دۇنياۋىي دىنلارنى بىرىكتۈرۈپ ياكى تونۇشتۇرغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىچىدىكى دىنىي ئەھۋالنى، دىنىي رازىمەنلىكنى، دىنىي ئىختىلاپلارنى مۇھاكىمە قىلغان، شۇنى سەمىمىي كۆتەرگەن، مۇشۇ توغرىلىق مەلۇم بىر مىللىي كېلىشىمگە كەلگەن خېلە مۇھىمىراق، دەپ ئويلايمەن.»

ئا. سارىم ئاستانىدا ئۆتكەن مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ دۇنيادا، جۈملىدىن ئەرەب ئەللىرىدە ۋە مەركىزىي ئاسىيادە، بولۇپمۇ ئافغانىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قان تۆكۈشلەرنى توختىتىشقا قانچىلىك تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، پۈتكۈل دىنلار بولسۇن ھەم باشقىلار بولسۇن، مۇنداق يىغىننىڭ قارارلىرىنى ئورۇنلايمىز، ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، شەرتلىك تۈردە ماقۇللايمىز دېگەن ھېچبىر تەشكىلات بولغىنى يوق. بۇ قازاقىستاننىڭ سىرتقى ئابرويى ئۈچۈن مەلۇم بىر ئەنئەنىۋىي يولغا ئايلىنىپ قالغان دۇنيادۇر. مەن ئېيتقان بولاتتىم، ئۇرۇش بولسۇن، بىر - بىرىمىزنى قىرايلۇق دېگەن ھىچقانداق بىر دىن يوق، بارلىقى تىنچلىقنى خالايدۇ، ياخشى ھايات كەچۈرۈشنى، رازىمەنلىكنى خالايدۇ. بىراق، ھەقىقەتەنمۇ، بۈگۈنكى دۇنياۋىي سىيەسەتكە، دۇنياۋىي سىياسەتنىڭ كۈن تەرتىپىگە بۇ يىغىننىڭ قوشىدىغان ئۈلۈشى چوڭ ئەمەس.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.